9 دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر

9.8 قانۇنىي مەسئۇلىيەت


1. ئىلتىماس قىلغۇچى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا يوشۇرۇش ، ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى بار بولسا، قانداق قانۇنىي ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ ؟


    جاۋاب : « مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى » دا" مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئالاقىدار ئىشلارنى ئەينەن مەلۇم قىلىش قانۇنىي مەجبۇرىيىتى بار "دەپ بەلگىلەنگەن. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش، كەڭ قاتناش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ يېشى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى راستچىل ھالدا مەلۇم قىلسا ۋە بەلگىلەنگەن ئىمتىھاندىن ئۆتسە ، ئاندىن ھەيدەش كىنىشكىسى بېرىش كېرەك . 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتا: " ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچى ، ئەگەر يوشۇرۇش ، ئالدامچىلىق قىلىش، پارا بېرىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كەسپىنى بېجىرىشنى دەرھال توختىتىشى ،ھەمدە كومپيۇتېر سىستېمىسىدا خاتىرىلەپ ، بۇ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بىر يىل ئىچىدە ، قايتىدىن ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك" دەپ بەلگىلەنگەن. يوشۇرۇش , ئالدامچىلىق قىلىش , پارا بېرىش قاتارلىق قىلمىشلار تۆۋەندىكىچە : يالغان كىملىك ، ساختا " سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپات جەدۋېلى "قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش، ئۆزىدە ئەزا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى ، تۇتقاقلىق كېسىلى , مېينىئېل كېسىلى قاتارلىق بىخەتەر ھەيدەشكە توسالغۇ بولىدىغان كېسەل بارلىقىنى يوشۇرغانلار ، ئۈچ يىل ئىچىدە زەھەر چېكىش قىلمىشى بار ياكى مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش تەدبىرى بىكار قىلىنىپ ئۈچ يىل توشمىغانلىقتىن ھەيدەش كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىشقا يول قويۇلمايدىغان بولمايدىغان ئەھۋاللارنى ، ئىمتىھاندىكى پارا بېرىش ، كۆز بويامچىلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچى ھەيدەش كىنىشكىسىنى قولىغا ئېلىپ بولغان بولسا ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەيدەش ئىجازىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ،ھەيدەش كىنىشكىسىنى يىغىۋالىدۇ ، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈچ يىل ئىچىدە قايتا ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.

    ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى ، « موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى » ۋە « سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپات جەدۋىلى » دا ئالاقىدار ئەسكەرتمە ئۇچۇرى بار بولۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس جەدۋىلىنى ئەينەن تولدۇرۇشى ، ئىلتىماس ماتېرىيالىنى راستچىللىق بىلەن تەمىنلىشى ، ئالاقىدار ئىمتىھانغا ئەستايىدىل قاتنىشىشى كېرەك .


2 .ھەيدىگۈچىلەر پراكتىكا مەزگىلى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلسا قانداق جازا بېرىلىدۇ ؟


    جاۋاب : ھەيدىگۈچىلەرنىڭ پراكتىكا مەزگىلىدە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى ئاساسەن مۇنداق ئۈچ خىل بولىدۇ :

    بىرىنچى ، پراكتىكا مەزگىلىدە شەھەر ئاممىۋىي قاتناش ئاپتوبۇسى ، تىجارەت خاراكتېرلىك يولۇچى ئاپتوبۇسى ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ساقچى ئاپتوموبىلى ، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، شۇنىڭدەك پارتلايدىغان بۇيۇم ، ئاسان پارتلايدىغان خىمىيىۋى بۇيۇم ،ئۆتكۈر زەھەرلىك ياكى رادىئوئاكتىپلىق خەتەرلىك بۇيۇم قاچىلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ياكى پرىتسىپلىق ئاپتوموبىللارنى ھەيدىسە؛ يۇقىرىقى ئاپتوموبىللار ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا تەۋە بولۇپ ، بەزىلىرى ئالاھىدە ئاپتوموبىل ۋە خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىللىرىغا تەۋەبولۇپ ، جامائەت بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى ئېغىر ، شۇڭا « يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى » دا پراكتىكا مەزگىلدە ھەيدەشكە بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

    ئىككىنچى ، پراكتىكا مەزگىلىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول يۈرگەندە ، مۇناسىپ ياكى تېخىمۇ يۇقىرى تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى بار، ھەمدە ئىستاژى 3 يىلدىن يۇقىرى بولغان ھەيدىگۈچى ھەمراھ بولمىغان بولسا؛

    ئۈچىنچى ، بەلگىلىمە بويىچە پراكتىكا بەلگىسى چاپلىمىغان بولسا . ئەگەر پراكتىكا مەزگىلىدىكى ھەيدىگۈچىلەردە يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە ، خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى 20 يۈەندىن يۇقىرى ، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ .


4. يوشۇرۇش ، ئالدامچىلىق قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن ھەيدەش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىۋېلىشقا قارىتا قانداق جازا بېرىلىدۇ ؟


    جاۋاب : ھەيدەش كىنىشكىسى يۈتۈپ كەتسە ، ھەيدەش كىنىشكىسى تارقاتقان جايدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا تولۇقلاپ بېجىرىش ئىلتىماسى قىلىشى كېرەك . تولۇقلاپ بېجىرگەندە ، ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ ، كىملىك ئىسپاتى ۋە ھەيدەش كىنىشكىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىق يازما باياناتى تاپشۇرۇش كېرەك .

    لېكىن ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ، بەزى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى يۈتۈپ كەتكەننى سەۋەپ قىلىپ ، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا ھەيدەش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ، ھەتتا ھەيدەش كىنىشكىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان ، ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە ،ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن تولۇقلاپ بېجىرىۋالغانلىقىنى ياكى بىر ئادەم كۆپلىگەن ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىگە بولىۋېلىپ ، يولدىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ باشقۇرۇش ۋە جازالىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق .

    شۇڭلاشقا 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتا : "ھەيدىگۈچىلەر ھەيدەش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ ئالغاندىن كېيىن ، ئەسلىدىكى ھەيدەش كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ ، داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . ھەيدىگۈچى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ، داۋاملىق ئەسلىي ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىشلەتكەن بولسا ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن 20 يۈەندىن يۇقىرى ، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قۇيىلىدۇ ھەمدە ئەسلىدىكى ھەيدەش كىنىشكىسىنى يىغىۋالىدۇ . ھەيدەش كىنىشكىسى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە ، ھەيدىگۈچى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ . ھەيدىگۈچى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ، يوشۇرۇش ياكى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ھەيدەش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ ئالغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن، 200 يۈەندىن يۇقىرى ، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قۇيىلىدۇ، 6 نومۇر خاتىرىلىنىپ ، تولۇقلاپ ئالغان ھەيدەش كىنىشكىسى يىغىۋېلىنىدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن.

    ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى ، ھەيدەش كىنىشكىسى يۈتۈپ كېتىپ ، ھەيدەش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ ئالغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تېپىۋالغان بولسا، ئەسلىدىكى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى ياكى ئۆز ئالدىغا كۆيدۈرۈۋېتىشى كېرەك، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . نۆۋەتتە، ھەر بىر ھەيدەش كىنىشكىسىدە بىردىن رەت نومۇر بار بولۇپ ، كومپيۇتېر مەنبەلىك سۈرۈشتۈرۈش يولغا قويۇلغاچقا، ھەيدىگۈچى يېڭى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ ئالغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ھەيدەش كىنىشكىسى ۋە رەت نومۇرى سىستېما تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلىدۇ .


5 . قاتناش ساقچىلىرى قانۇنغا ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھەيدەش كىنىشكىسى بېجىرسە ، قانداق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ؟


    جاۋاب : قاتناش ساقچىلىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە ، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە گۇناھ يېزىش ،چوڭ گۇناھ يېزىش , دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش , ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلىدۇ ؛ تەكلىپ قىلىنغان خادىملار ئىشتىن بوشىتىلىدۇ . جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ :

    ( 1 ) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش ئىجازەت شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ، ئىمتىھان بەرمىگەن ، ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغانلارنى ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزىۋەتكەن ياكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى بەرگەنلەر ؛

    ( 2 ) ئىمتىھان تۈرلىرىنى ، باھالاش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتكەنلەر، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا يول قۇيغان، قاتناشقان، ھەمكارلاشقانلار ؛

    ( 3 ) قانۇنسىز ۋاسىتىچى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئالغانلار ؛

    ( 4 ) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا بۆسۈپ كىرىپ ،سىستېما سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاشكارىلىغان، ئۆزگەرتكەن، ئېلىپ ساتقان ياكى سىستېما مەخپىي نومۇرىنى ئاشكارىلىغان بولسا؛

    ( 5 ) بىۋاستە ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا شوپۇرلۇق تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە قاتناشقان بولسا ؛

    ( 6 ) شوپۇرلۇق تەربىيىلەش ئاپپاراتى ، مەشقاۋۇل ياكى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن پۇل - مال ئالغان بولسا.


6. ترانسپورت كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىگە قارىتا قانداق كونكرېت بەلگىلىمە بار ؟


    جاۋاب : چوڭ ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى - يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگۈچىلىرى بولسا ،يول قاتناش ترانسپورتىنىڭ سوبىيكتى ، شۇنداقلا يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتىكى نۇقتىلىق توپ . 2011 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تىجارەت - ترانسپورت ئاپتوموبىلى ھەيدىگۈچى 2 مىليون 100 مىڭ ئادەمگە يەتكەن بولۇپ ، ھەيدىگۈچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %1.04 نى ئىگىلىگەن؛ لېكىن، 2011 - يىلى تىجارەت - ترانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدىگۈچىلەر سادىر قىلغان قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلار جەمئىي 29 مىليۇندىن ئارتۇق بولۇپ، ، پۈتۈن مەملىكەت ئۇمۇمىي سانىنىڭ %14.75 نى ئىگىلىگەن ؛ تىجارەت - ترانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش سانى52600 قېتىمغا يىتىپ، 21700 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ساننىڭ %25.23، %35.32 نى ئىگىلىگەن.

    كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تىجارەت - ترانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ ، لېكىن قاتناش قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولغان . 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتا ،چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى - يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەش سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە كۈندىلىك باشقۇرۇشىغا قارىتا قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ترانسپورت كارخانىلارنىڭ سوبيېكتىپ مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەجبۇرىيەت تۈزۈلمىسىنى تەسىس قىلىپ ، ترانسپورت كارخانىلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن ھەيدىگۈچىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى، قەرەللىك ھالدا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەكلىكى بېكىتىلدى.

    جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەر ئايدا ، چوڭ ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى - يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگۈچىلىرىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلىرىنى، نومۇر خاتىرىلىنىش ئەھۋالىنى، ھادىسە ئەھۋالىنى قاتناش - ترانسپورت باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە ترانسپورت كارخانىلىرىغا يوللاپ بېرىشى كېرەك.

    2012 - يىلى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، گوۋۇيۈەن تارقاتقان « يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى » ( گ [ 2012 ] 30 - نومۇرلۇق ) دە:" ساياھەت كۆتۈرە ئاپتوموبىلى , ئۈچىنچى تىپتىن يۇقىرى يولۇچى توشۇش ئاپتوبۇسلىرى ، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىلى ۋە مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرى بەلگىلىمە بۇيىچە، يول يۈرۈش خاتىرىسى ساقلىيالايدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ ئىشلىتىشى كېرەك.بەلگىلىمە بويىچە سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش قۇرۇلمىسى ئورناتمىغان ياكى ئىشلەتمىگەنلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىسى ۋە كارخانا مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش كېرەك" بەلگىلەنگەن .