9 دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر

9.7 يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش


1. پراكتىكا مەزگىلىدە, ھەيدىگۈچىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىشىغا قارىتا قانداق بەلگىلىمىلەر بار ؟


    جاۋاب : 2004 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى « يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى » يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ، ھەيدىگۈچىنىڭ پراكتىكا مەزگىلىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىشى مەنئىي قىلىناتتى . يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن ، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى قۇرۇلۇش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى ۋە شەخسلەر ئىلكىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى مىقدارنىڭ ئېشىشى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقىدىغانلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى بىلەن، پراكتىكا مەزگىلىدە يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىپ ھەيدەش ئېھتىياجى بارغانسېرى ئاشتى.

    « يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى » يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، ھەيدىگۈچىنىڭ پراكتىكا مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يول يۈرۈشى چەكلەنمىدى. لېكىن ، ھەيدىگۈچىلەرنىڭ پراكتىكا مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ۋاقىتتا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىلىرى ئەھۋالىغا قارىغاندا،قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى ھەيدەش ماھارىتىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى ، تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەپلىك كېلىپ چىققان .شۇڭا 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتا چەتئەللەرنىڭ ئۇسۇلى ئۆرنەك قىلىنىپ ،" ھەيدىگۈچى پراكتىكا مەزگىلىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول يۈرگەندە ،چوقۇم مۇناسىپ ياكى تېخىمۇ يۇقىرى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى بار ، ھەمدە ئىستاژى ئۈچ يىلدىن ئاشقان باشقا ھەيدىگۈچىلەر ھەمراھ بولىشى كېرەك" دەپ بەلگىلەندى. بۇلار ئىچىدە، مېيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەندە ، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچى ئاپتوموبىل تىپىدىن يوقىرى تىپتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى بار ھەيدىگۈچى ھەمراھ بولۇشى كېرەك.

     بىراق، ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسىنى يوقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىنكى پراكتىكا مەزگىلىدە، ھەيدىگۈچى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان تىپتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە يۇقىرىقى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.


2. جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ،ھەيدىگۈچىنىڭ پراكتىكا مەزگىلىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىققاندا، يېنىدا ھەمراھ بولغۇچىنىڭ بار يوقلۇقىنى قانداق تەكشۈرىدۇ ؟


    جاۋاب : قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىدا دۆلەتنىڭ مەجبۇرلاش كۈچى كاپالەت بولىدۇ،ئەمما ئاساسلىقى يەنىلا پۇقرالارنىڭ قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. پراكتىكا مەزگىلىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەندە، مۇناسىپ ياكى تېخىمۇ يۇقىرى تىپتىكى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى بار ، ھەمدە ئۈچ يىلدىن يوقىرى ئىستاژغا ئىگە ھەيدىگۈچىلەر ھەمراھ بولىشى بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە،يەنىلا ھەيدىگۈچىنىڭ ئاڭلىق رىئايە قىلىشىغا تايىنىش كېرەك. 

    جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاساسلىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتى ، كىرىش - چىقىش ئېغىزى , مۇلازىمەت رايونى قاتارلىقلارنى ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول يۈرگەندە بەلگىلىمە بويىچە ھەيدىگۈچىلەر ھەمراھ بولمىغانلىقى بايقالسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ، ھەيدىگۈچىلەرگە 20 يۈەندىن يۇقىرى ، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ، ھەمدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلىدۇ ؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرمەكچى بولغانلارغا قارىتا، تەربىيە بېرىپ قايتىپ كېتىشكە نەسىھەت قىلىنىدۇ.


3. ھەيدىگۈچى پراكتىكا مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ۋەقە سادىر قىلغاندىن كېيىن، ھەيدىگۈچىگە ھەمراھ بولغۇچى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكمۇ يوق؟


    جاۋاپ: ھەيدىگۈچى پراكتىكا مەزگىلىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ۋەقە سادىر قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىغان ھەيدىگۈچىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان ۋە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىغا ئاساسەن، ۋەقە جاۋابكارلىقىنى بېكىتىدۇ. ئەگەر ھەمراھ بولغۇچىنىڭ پراكتىكا مەزگىلىدىكى ھەيدىگۈچىنى مەجبۇرلاپ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇزغان، شۇنداقلا يول قاتناش بىخەتەرلىكى بەلگىلىمىسىگە ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى بىخەتەر ھەيدەش تەلىپىگە خىلاپلىق قىلغۇزۇپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەتكۈزۈپ، قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلغانلىقى ئىسپاتلاپ چىقىلسا، ھەمراھ بولغۇچى ۋەقەنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە نىسبەتەن، << يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى >>نىڭ 99 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەمراھ بولغۇچىغا 200 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


4. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى كاشىلا تۈپەيلىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاپتوموبىل يولىدا توختاتسا ، قانۇنسىز ئاپتوموبىل توختىتىش بولۇپ ھېسابلىنامدۇ ؟


    جاۋاب : يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاپتوموبىل يولىدا ئاپتوموبىل توختىتىش ئىنتايىن خەتەرلىك قىلمىش بولۇپ، ئاسانلا كەينىدىن سوقۇلۇپ كېتىش ، كۆپ ئاپتوموبىل بىراقلا سوقۇلۇش قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . « يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى » دا، "موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاپتوموبىل يولىدا توختىتىشقا بولمايدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن . لېكىن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كاشىلا كۆرۈلگەن ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ، « يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى » ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە ، ھەيدىگۈچى خەتەر سىگنال چىرىغىنى دەرھال ياندۇرۇپ ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قاتناشقا دەخلى قىلمايدىغان جايغا يۆتكەپ توختىتىشى كېرەك ؛ يۆتكەش قىيىن بولسا ، خەتەر سىگنال چىرىغىنى داۋاملىق ياندۇرۇپ بېرىشى كېرەك ،ھەمدە ئاپتوموبىل كەينىنىڭ 150 مېتىر سىرتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇپ، ئاپتوموبىلدىكى كىشىلەرنى دەرھال يولنىڭ ئوڭ چېتىگە ياكى جىددىي ئەھۋال يولى ئىچىگە يۆتكىشى لازىم ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كاشىلا چىقىپ ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ، ئاپتوموبىل يولىدا توختاتماي ئامال بولمىسا، ھەم تەلەپ بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويغان بولسا، قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىشقا كىرمەيدۇ .

    ئەگەر ئاپتوموبىل يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاپتوموبىل يولىدا سەۋەبسىزلا توختىتىلسا، ئاپتوموبىلدىن كاشىلا چىققان بولسىمۇ ، يۆتكەپ كەتكىلى بولىدىغان تۇرۇپمۇ، جىددىي ئەھۋال يولىغا يۆتكىمىسە ياكى جىددىي ئەھۋالدا توختىتىش بەلۋېغىغا يۆتكەپ توختاتمىسا ،ياكى ئاپتوموبىل كاشىلا سەۋەبىدىن يۆتكەشكە ئامالسىز قالغاندا ، تەلەپ بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويمىغان بولسا، قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىش دەپ بېكىتىش كېرەك . قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىلسا، « يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى » ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇش نىزامى ۋە 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن ئالاقىدارلارغا 20 يۈەندىن يۇقىرى ، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ؛ تىجارەت خاراكتېرىدىكى يولۇچى ئاپتوبۇسىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ ئاپتوموبىل يولىدا توختاتقانلارغا، يەنە تېخى بىر قېتىمدىلا 12 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ؛ تىجارەت خاراكتېرىدىكى يولۇچى ئاپتوبۇسىدىن باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاپتوموبىل يولىدا توختاتقانلارغا بىر قېتىمدا 6 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ ؛ بەلگىلىمە بويىچە چىراغ ئىشلەتمىگەن ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويمىغان بولسا ،بىر قېتىمدا 3 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.


5 . نۆۋەتتە ئېلىمىزدە تاشيولدىكى سۈرئەت چەكلەشكە قارىتا قانداق بەلگىلىمىلەر بار ؟


    جاۋاب : نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ تاشيولدا سۈرئەت چەكلىشى ئاساسلىقى ئۈچ خىل :

    بىرىنچى: سۈرئەت چەكلىمە بەلگە تاختىسى . يەنى تاشيولدا تەسىس قىلىنغان سۈرئەت چەكلىمە بەلگە تاختىسى ، بەلگە سىزىقىدا كۆرسىتىلگەن سۈرئەتنى ، كونكرېت سۈرئەت چەكلىمە قىممىتىنى، قاتناش ترانسپورت تارماقلىرى تاشيولنىڭ لايىھىلەنگەن سۈرئىتى ۋە تاشيول ئىقتىدار تۈرى، گېئومېتىرىيىلىك سىزىقچە ئالاھىدىلىكى ، قاتناش ئېقىم مىقدارى ، يول ياقىسىدىكى مۇھىت قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنى يىغىنچاقلاپ ئانالىز قىلىپ بېكىتىدۇ .

    ئىككىنچى :قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرئەت چەكلىمىسى . سۈرئەت چەكلەش بەلگىسى يوق يول بۆلىكىدە ، قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن سۈرئەت چەكلىمىسىگە رىئايە قىلىش كېرەك . « يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى » ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇش نىزامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەركىزىي سىزىق بولمىغان تاشيولدا ، سۈرئەت چەكلىمىسى سائىتىگە 40 كىلومېتىر بولىدۇ ؛ بىر يۆنىلىشتە بىرلا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى بولغان تاشيولدا ، سۈرئەت چەكلىمىسى سائىتىگە 70 كىلومېتىر بولىدۇ ؛ ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يولىغا كىرىپ چىققاندا، تۆمۈريول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، جىددىي ئايلانما يول، تار يول ، تار كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە، شۇنداقلا ئاپتوموبىلنى قايتۇرغاندا ياكى تىك داۋاندىن چۈشكەندە ، سۈرئەت چەكلىمىسى سائىتىگە 30 كىلومېتىر بولىدۇ؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى، سائىتىگە 120 كىلومېتىر بولىدۇ.

    ئۈچىنچى : ئالاھىدە ۋاقىت ۋە ھاۋارايىدىكى سۈرئەت چەكلىمىسى . « يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى » ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇش نىزامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادەتتىكى تاشيولدا يول يۈرۈپ ، تۇمان ، يامغۇر , قار ، قۇم - تۇزان، مۆلدۈرلۈك ھاۋارايىغا دۈچ كەلگەندە، كۆرۈش ئارىلىقى 50 مېتىر ئىچىدە بولغاندا، شۇنداقلا قار - مۇز ، پاتقاق يوللاردا يول يۈرگەندە ، سۈرئەت چەكلىمىسى سائىتىگە 30 كىلومېتىر بولىدۇ . يولۇچى ترانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش ئۈچۈن، « گوۋۇيۈەننىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرى » ([ 2012 ] 30 - نومۇرلۇق ) ۋە « جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ‹ گوۋۇيۈەننىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى > نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى » ([ 2012 ] 42 - نومۇرلۇق )نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ، يولۇچى ترانسپورت ئاپتوموبىللىرى كېچىسى ( سائەت 22 دىن ئەتىسى سەھەر سائەت 5 كىچە ) يول يۈرگەندىكى سۈرئىتى ،كۈندۈزلۈك سۈرئەت چەكلىمىسىنىڭ %80 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .


6. قار - يامغۇر ، تۇمانلىق ھاۋارايى شارائىتىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ سۈرئەت چەكلىمىسى توغرىسىدا قانداق ئالاھىدە بەلگىلىمە بار ؟


    جاۋاب : « يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى » دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تۇمان ، قار - يامغۇر ، قۇم - توزان ، مۆلدۈر قاتارلىق كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن ھاۋا رايى شارائىتىغا دۈچ كەلگەندە ، كۆرۈش دەرىجىسى 200 مېتىردىن تۆۋەن بولسا ، ھەيدىگۈچى تۇمان چىرىغى ، يېقىننى يورۇتۇش چىرىغى ۋە كابىنكا چىرىغى، شۇنداقلا ئالدى - ئارقا ئورۇن چىرىغىنى ياندۇرۇشى ، سائەتلىك سۈرئىتىنى 60 كىلومېتىردىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكى ، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن 100 مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىقنى ساقلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن؛ كۆرۈش دەرىجىسى 100 مېتىردىن تۆۋەن بولغاندا، تۇمان چىرىغى ، يېقىننى يورۇتۇش چىرىغى، كابىنكا چىرىغى ، ئالدى - ئارقا ئورۇن چىرىغى ۋە خەتەرلىك سىگنال نۇر چاقنىتىش چىرىغىنى يورۇتۇش ، ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى سائىتىگە 40 كىلومېتىردىن ئېشىپ ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن 50 مېتىردىن يۇقىرى ئارىلىقنى ساقلىشى كېرەك. كۆرۈش دەرىجىسى 50 مېتىردىن تۆۋەن بولغاندا ، تۇمان چىرىغى ، يېقىننى يورۇتۇش چىرىغى ، كابىنكا چىرىغى، ئالدى - ئارقا ئورۇن چىرىغى ۋە خەتەرلىك سىگنال نۇر چاقنىتىش چىرىغىنى ئېچىۋېتىشى ، ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى سائىتىگە 20 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك ھەمدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئەڭ يېقىندىكى چىقىش ئېغىزىدىن ھەيدەپ چىقىپ كېتىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.


7. چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئەڭ سول تەرەپتىكى ئاپتوموبىل يولىدا يۈرسە بولامدۇ ؟


    جاۋاب : چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار ، بولۇپمۇ چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بەلگىلىمە بۇيىچە يول يۈرمەسلىكى ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش بىخەتەرلىكىگىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ . توردىكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ، يېرىمدىن جىقراق كىشى "يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش تەرتىپىنىڭ ناچار بولۇشنىڭ سەۋەبى بولسا ،چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئەڭ سول تەرەپتىكى ئاپتوموبىل يولىنى ئىگىلەپ يول يۈرۈشىدۇر "دەپ قارىدى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بەلگىلىمە بۇيىچە يول يۈرمەسلىكى بولسا ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى نۇقتىلىق بىر تەرەپ قىلىدىغان قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشتۇر. « يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى » دا ، "يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئوخشاش يۆلىنىشىدە ئىككى ئاپتوموبىل يولى بولسا ، سول تەرەپتىكى ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىر بولىدۇ ؛ بىر يۆنىلىشتە ئۈچتىن ئارتۇق ئاپتوموبىل يولى بولسا ، ئەڭ سول تەرەپتىكى ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك سۈرئىتى 110 كىلومېتىر ، ئوتتۇرىدىكى ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك سۈرئىتى 90 كىلومېتىر بولىدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن . بۇنىڭدىن باشقا ، "يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ،كىچىك تىپتىكى يولۇچى ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ، باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ، موتسىكلىتنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك" .دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ،يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئەڭ سول تەرەپتىكى ئاپتوموبىل يولىنى كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا بولمايدۇ؛ بىراق ئەڭ سول تەرەپتىكى ئاپتوموبىل يولىدىن پايدىلىنىپ ،ئاپتوموبىل ياندىغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئاپتوموبىل يولىغا قايتىپ كەلسە، نورمال ياندىغانلىق دەپ قارىلىدۇ.


8. قايسى تىپتىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىپ يول يۈرۈشى مەنئىي قىلىنىدۇ؟


جاۋاب : « يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى » نىڭ 67 - ماددىسىدا ، "پىيادىلەر، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ، تىراكتور ، چاقلىق مەخسۇس ئاپتوموبىل ، چاتما ئاپتوبۇس ، چاتما پرىتسىپلىق ئاپتوموبىل ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ، لايىھىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 70 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە بولمايدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىشى مەنئىي قىلىنغان قاتناش ۋاسىتىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرسە، << يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى >> ۋە 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خىلاپلىق قىلغۇچىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن 20 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ۋە 3 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.