9 دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر

9.6 ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرلىرى


1. تەۋەلىك سىرتىدا ھەيدەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرتۈش ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى تەكشۈرتۈشكە قارىتا قانداق تەلەپلەر بار؟


    جاۋاپ: نۆۋەتتە، ئوبوروت كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان تىجارەت خاراكتېرىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەر ۋە يۈك ترانسپورت ئاپتوموبىللىرى، ئۇزۇن مۇددەت تەۋەلىك سىرتىدا يول ترانسپورت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى ياكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش ۋاقتى يېقىنلاپ قالغان ۋاقىتتا، يۈك - ترانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جايدىن،تىزىملاتقان جايغا قايتىپ كېلىپ، تەكشۈرۈش كەسىپلىرىنى بېجىرىشكە توغرا كېلەتتى.

    ئاممىنىڭ يېقىن جايدىلا كەسىپ بېجىرىشىگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتا، تەۋەلىك سىرتىدا يۈك - ترانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەر ۋە يۈك ترانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى، يۈك - ترانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جاينىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تىجارەت خاراكتېرىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەر ۋە يۈك - ترانسپورت ماشىنىلىرىنىڭ ئىگىلىرى ئاۋۋال يۈك - ترانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئەنگە ئالدۇرغاندىن كىيىن، يۈك - ترانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جايدىلا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يىللىق تەكشۈرتۈش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ.


2. ھەيدەش كىنىشكىسى يۈتۈپ كەتكەندىن كېيىن تولۇقلاپ ئېلىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟


    جاۋاپ: 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەيدەش كىنىشكىسى يۈتۈپ كېتىپ ياكى بۇزۇلۇپ كېتىپ تولۇقلاپ بېجىرىشكە ئىلتىماس قىلغاندا، 1 كۈن ئىچىدىلا ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالالايدۇ.


3. ناھىيە دەرىجىلىك قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدا ھەيدەش كىنىشكىسى ئىمتىھانىغا ۋە تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا بولامدۇ يوق؟


    جاۋاپ: ناھىيە دەرىجىلىك قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدا ،تۆۋەن سۈرئەتلىك ئاپتوموبىل، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل ، موتسىكىلىت قاتارلىقلارنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى ئىمتىھانىغا قاتناشسا ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەممە تىپتىكى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ ئالماشتۇرۇش، تەكشۈرۈش قاتارلىق كەسىپلىرىنى بېجىرسە بولىدۇ.

    مۇناسىپ ئىمتىھان مەيدانى، ئەسلىھەلىرى، يول لىنىيىسى ۋە ئىمتىھان ئالغۇچى قاتارلىق شارائىتلارنى ھازىرلىغانلار ئورۇنلار ، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل ، مېيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچى ئاپتوموبىللىرى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ بارلىق ئىمتىھانىنى تۈرلىرى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. شۇنداقلا ھەممە تىپتىكى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنلىرى، قائىدە - نىزاملىرى ۋە ئالاقىدار بىلىملەر بويىچە ئېلىنىدىغان ئىمتىھانلىرىنى ئالسا بولىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەپلىك، ھەرقايسى جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي شارائىتى، ساقچى كۈچلىرىنى سەپلەش قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلەر بىرقەدەر چوڭ بولۇپ ، كونكرېت كەسىپ دائىرىسى ۋە بېجىرىش تەلەپلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتسە بولىدۇ.


4. ھەيدەش كىنىشكىسى كەسىپلىرىنى بېجىرىشتە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماتېرىياللار ۋە تەلەپلەرنى قانداق ئىزدەيمىز؟


    جاۋاپ: نۆۋەتتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاساسلىقى ئۈچ خىل يول ئارقىلىق كەسىپ بېجىرىشتە تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك ماتېرىيال، جەدۋەل، شەرت، ئاساس، تەرتىپ شۇنداقلا ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قاتارلىق ئىشلارنى ئاشكارىلايدۇ.

    بىرىنچىسى: قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى، قاتناش مۇلازىمەت پونكىتى قاتارلىق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىدا كەسىپ بېجىرىش ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، كەسىپكە يېتەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش سۇپىسى تەسىس قىلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ مەسلىھەت سورىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ؛

    ئىككىنچىسى: ئۆلكە دەرىجىلىك، شەھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىنتېرنېت تورىنىڭ باش بېتىدە ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ توردا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە، ھەيدەش كىنىشكىسى نومۇر خاتىرىلىنىشى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرۈشىگە، مۇناسىۋەتلىك جەدۋەللەرنى چۈشۈرۈشكە قولايلىق يارىتىدۇ؛

    ئۈچىنچىسى: بەزى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يەنە قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسى ئاچقان بولۇپ، ئاممىنىڭ مەسلىھەت سوراش، شۇنداقلا بىرقىسىم كەسىپلەرنى قوبۇللاپ بىرتەرەپ قىلىشىغا قولايلىق ياراتتى.