9 دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر

9.5 قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارغا نومۇر خاتىرىلەش


    جاۋاپ: ئادەتتىكى تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدەشكە قارىغاندا ،يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدەشتىكى سۈرئەت تېز، يول ئەھۋالى تېخىمۇ مۇرەككەپ، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. شۇڭلاشقا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ 123 - نومۇرلۇق بۇيرۇقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تېخىمۇ قاتتىق بولغان نومۇر تارتىش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقتى. 12 نومۇر خاتىرىلىنىدىغان ئەھۋاللار بولسا:

    (1) يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرۇش، قارشى مېڭىش، مەركىزىي ئايرىش بەلۋېغى سىزىقىنى بېسىپ ئۆتۈپ كەينىگە يېنىش.

    (2) تىجارەت خاراكتېرلىك يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئىچىدە توختىتىش.

    (3) ئوتتۇرا تىپتىن يۇقىرى بولغان يولۇچى ئاپتوبۇسى ياكى يۈك ئاپتوموبىلى، مەكتەپ ئاپتوبۇسى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرئىتىنى چەكلىمە سۈرئەتتىن %20 ئاشۇرۇۋېتىش.


2. تىجارەت خاراكتېرلىك قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغاندا ،قانداق نومۇر خاتىرىلىنىدۇ؟


    جاۋاپ: تىجارەت خاراكتېرلىك قاتناش ۋاسىتىلىرى ئادەتتە ئۇزۇن مەزگىل ، ئىزچىل تۈردە يول يۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يولۇچى سانى ياكى يۈك مىقدارى كۆپ بولغاچقا، دائىم ھادىسە يۈز بېرىپ، ناھايىتى ئېغىر بولغان ئۆلۈم يىتىم ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىقىدۇ. ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىمۇ چوڭ بولىدۇ. شۇڭلاشقا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقى تىجارەت خاراكتېرلىك قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشىغا قارىتا، تېخىمۇ قاتتىق بولغان نومۇر خاتىرىلەش بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ چىقتى.

    (1) بىر قېتىمدا 12 نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋاللار: تىجارەت خاراكتېرلىك يولۇچى ئاپتوبۇسلىرى ( ئاممىۋى ئاپتوبۇسىىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ) نورمىدىن ئارتۇق سالغان ئادەم سانى %20 تىن ئېشىپ كېتىش ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا توختاش؛

    (2) بىر قېتىمدا 6 نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋاللار: تىجارەت خاراكتېرلىك يولۇچى ئاپتوبۇسلىرى ( ئاممىۋى ئاپتوبۇسىىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ )نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان ،بىراق ئادەم سانى نورمىدىن %20 ئېشىپ كەتمىگەن بولۇش؛ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ نورمىدىن ئارتۇق سالغان يۈك ئېغىرلىقى %30 تىن يۇقىرى بولۇش ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئادەم سېلىش؛

    تىجارەت خاراكتېرلىك قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە ھەيدىگۈچىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان باشقا قىلمىشىغا قارىتا نومۇر خاتىرىلەش « تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا نومۇر خاتىرىلەشتىكى نومۇر قىممىتى» گە مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدۇ.


3. سۈرئەتنى چەكلىمىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدەشتەك قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشقا قانداق نومۇر خاتىرىلىنىدۇ؟


    جاۋاپ: سۈرئەتنى چەكلىمىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ يول يۈرۈش بولسا ،قاتناش قانۇنىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلارنىڭ بىرى بولۇپ ،خەتىرى يۇقىرى، تاساددىپىي قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا بۇ قىلمىش بولسا،يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ،پۈتۈن مەملىكەتتىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى نۇقتىلىق تۈزەۋاتقان قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشتۇر. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقىدىمۇ سۈرئەتنى چەكلىمىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنلەرگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق بولغان نومۇر خاتىرىلەش تۈزۈمى تۈزۈپ چىقىلدى.

    (1) سۈرئەتنى چەكلىمىدىن ئاشۇرۇپ يول يۈرگەنگە قارىتا، بىر قېتىمدا 12 نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋاللاردىن: ئوتتۇرا تىپتىكىدىن يۇقىرى بولغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى، مەكتەپ ئاپتوبۇسى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، شەھەرلەردىكى تېز سۈرئەتلىك تاشيوللاردا يۈرگەندە سائەتلىك سۈرئىتى نورمال سۈرئەت چەكلىمىسىدىن %20 ئېشىپ كەتسە ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەرلەرنىڭ تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدىن باشقا يوللاردا يۈرگەندىكى سۈرئىتىنى چەكلىمە سۈرئەتتىن %50 تىن ئاشۇرۇۋەتسە.

    (2) بىر قېتىمدا 6 نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋاللار : ئوتتۇرا تىپتىكىدىن يۇقىرى بولغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى، مەكتەپ ئاپتوبۇسى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، شەھەرلەردىكى تېز سۈرئەتلىك تاشيوللاردا يۈرگەندە سائەتلىك سۈرئىتى نورمال سۈرئەت چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن ، ئەمما %20 كە يەتمىگەن بولسا، ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەرلەرنىڭ تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدىن باشقا يوللاردا يۈرگەندىكى سۈرئىتىنى چەكلىمە سۈرئەتتىن %20 ئاشۇرىۋەتسە ،ئەمما %50 كە يەتمىگەن بولسا.

    (3) بىر قېتىمدا 3 نومۇر خاتىرىلىنىدىغان ئەھۋاللار: ئوتتۇرا تىپتىكىدىن يۇقىرى بولغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىلى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا ، شەھەر تىز سۈرئەتلىك يوللارنىڭ سىرتىدىكى يوللاردا يۈرگەندە ياكى باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سۈرئىتى چەكلىمە سۈرئەتتىن ئاشقان،ئەمما %20 كە يەتمىگەن بولسا.


4. خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىلىغا قارىتا قانداق ئالاھىدە نومۇر خاتىرىلەش بەلگىلىمىلىرى بار؟


    جاۋاپ: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، پارتلاش خاراكتېرلىك بۇيۇملار، ئاسان ئوت ئالىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملار، ئۆتكۈرزەھەر ۋە رادىئاتسىيىلىك بۇيۇملار قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يولدا يۈرۈشىگە قارىتا مەخسۇس باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار چوقۇم بېكىتىلگەن ۋاقىت، يول لىنىيىسى، ۋە چەكلەنگەن سۈرئەت بۇيىچە يول يۈرۈشى ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى ئېسىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ 139 - نومۇرلۇق بۇيرىقىدىمۇ ، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق نومۇر خاتىرىلەش تۈزۈمى تۈزۈپ چىقىلدى.

    (1) خەتەرلىك بۇيۇملارنى تۇشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنى ھەيدەپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تىز سۈرئەتلىك يوللاردا يۈرگەندىكى سۈرئىتى نورمال سۈرئەت چەكلىمىسىدىن %20 ئېشىپ كەتكەن بولسا، بىر قېتىمدا 12 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.

    (2) خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنى ھەيدەش ۋاقتى ئۇدا تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن، ھەمدە 4 سائەت ئىچىدە ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ئارام ئالمىغان ياكى ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ئارام ئالغان ۋاقتى 20 مىنۇتتىن ئاز بولغان بولسا ،بىر قېتىمدا 12 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.

    (3) خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنى ھەيدەپ ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، شەھەرلەردىكى تېز سۈرئەتلىك تاشيوللاردا يۈرگەندە، سائەتلىك سۈرئىتى نورمال سۈرئەت چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن ،ئەمما %20 تىن ئاشۇرىۋەتمىگەن بولسا ، شۇنداقلا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، شەھەرلەردىكى تېز سۈرئەتلىك يوللاردىن باشقا يوللاردا يۈرگەندىكى سائەتلىك سۈرئىتى نورمال سۈرئەت چەكلىمىسىدىن %20 تىن ئېشىپ كەتكەن،ئەمما %50 كە يەتمىگەن بولسا، بىر قېتىمدا 6 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.

    (4) ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار، ئاسان يانىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملار شۇنىڭدەك ئۆتكۈر زەھەر، رادىئاتسىيىلىك بۇيۇملارنى توشۇغاندا، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ، يول لىنىيىسى ، يول يۈرۈش سۈرئىتى بۇيىچە ماڭمىغان بولسا ياكى ۋە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئاسمىغان،ھەمدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللانمىغان بولسا ،بىر قېتىمدا 6 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.

    ھەيدىگۈچىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان باشقا قىلمىشىغا قارىتا نومۇر خاتىرىلەش « تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا نومۇر خاتىرىلەش » تىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.


5. مەكتەپ ئاپتوبۇسىغا قارىتا قانداق ئالاھىدە نومۇر خاتىرىلەش تۈزۈمى بار؟


    جاۋاپ: گوۋۇيۈەننىڭ « مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى » دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن ،مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئاساسەن بالىلارنى مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگە ئاپىرىپ ئەكىلىشتۇر؛ مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بىرقەدەر ئېغىر. شۇڭلاشقا چوقۇم قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن نىزاملىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك. مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ 139 - نومۇرلۇق بۇيرىقىدىمۇ ،مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ھەيدەشكە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق بولغان نومۇر خاتىرىلەش تۈزۈمى تۈزۈپ چىقىلدى.

    (1) بىر قېتىمدا 12 نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋاللار: مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ھەيدەپ نورمىدىن %20 ئارتۇق ئادەم سالسا؛ مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر ئىچى تىز سۈرئەتلىك يولىدا يۈرگەندىكى سۈرئىتىنى چەكلىمە سۈرئەتتىن %20 ئاشۇرۇۋەتسە ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر ئىچى تىز سۈرئەتلىك يولىدىن باشقا يوللاردا يۈرگەندىكى سۈرئىتىنى % 50تىن ئاشۇرىۋەتسە ؛ مەكتەپ ئاپتوبۇسى سالاھىيىتىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ ھەيدىسە.

    (2) بىر قېتىمدا 6 نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋاللار: مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر ئىچى تىز سۈرئەتلىك يولىدا يول يۈرگەندىكى سۈرئىتىنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇۋەتكەن ، بىراق %20 دىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن بولسا ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر ئىچى تىز سۈرئەتلىك يولىدىن باشقا يوللاردا يول يۈرگەندىكى سۈرئىتىنى %20 تىن ئاشۇرۇۋەتسە ،ئەمما% 50 تىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن بولسا.

    ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى،باشقا ئاپتوموبىللار بەلگىلىمە بۇيىچە مەكتەپ ئاپتوبۇسىغا يول بېرىشى كېرەك. بەلگىلىمە بۇيىچە مەكتەپ ئاپتوبۇسىغا يول بەرمىگەنلەرگە قارىتا ، بىر قېتىمدا 6 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.


6. چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشقا قارىتا قانداق نومۇر خاتىرىلىنىدۇ؟


    جاۋاپ: چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشنىڭ نومۇر خاتىرىلىنىشىگە قارىتا،جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ 139 -نومۇرلۇق بۇيرۇقىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: "ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارنى ئۇدا ھەيدەش ۋاقتى 4 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن ياكى ئاپتوموبىلنى تۇختۇتۇپ دەم ئېلىش ۋاقتى 20 مىنۇتقا يەتمىگەن بولسا، 12 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ. ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىقلاردىن باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئۇدا ھەيدەش ۋاقتى 4 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن ياكى توختاپ دەم ئېلىش ۋاقتى 20 مىنۇتقا يەتمىگەن بولسا، 6 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.


7. ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ئاسمىغان ، قەستەن بۇزۇپ قويغان ، مەينەت قىلىۋەتكەنلەرگە قارىتا قانداق نومۇر خاتىرىلىنىدۇ؟


    جاۋاپ:موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى بولسا ، قانۇن بويىچە يول يۈرۈشتىكى ئىسپات .يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىدا:" ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر يولغا چىققاندا ئاپتوموبىلغا چوقۇم نومۇر تاختىسى ئېسىشى ، تەكشۈرۈشتىن لاياقەتلىك بولۇش چاپلىغىنى چاپلىشى، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلىق بەلگىسى، ھەيدەش كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك" دەپ بەلگىلەنگەن . موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسىنى بەلگىلەنگەن جايغا ئېسىش،توسۇپ قويماسلىق ، مەينەت قىلىۋەتمەسلىك كېرەك. يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قۇيۇش نىزامىدا:'' موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئالدا ئارقىدىكى بەلگىلەنگەن جايغا ئېسىش،پۈتۈن، پاكىزە تۇتۇش كېرەك '' دەپ بەلگىلەنگەن.

    قەستەن توسۇپ قۇيۇش، بۇزۇۋېتىش، ياكى بەلگىلىمە بۇيىچە ئاسماسلىق قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلار بولسا،سوبىيكىتىپ جەھەتتە قەستەنلىكى كۈچلۈك، جەمئىيەتكە بولغان خەتىرى چوڭ ،خاراكتېرى ئېغىر بولغان قىلمىشتۇر؛ بۇخىل قىلمىشنى نېگىزىدىن تۈزەش، يول قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە قاتناش تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن, يەنە بىرقەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا نومۇر خاتىرىلەپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ،بۇ ئارقىلىق يوقارقىدەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا خاتىرىلىنىدىغان نومۇر قىممىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈش بولسا تەخىرسىز بىر تەدبىردۇر.

    شۇڭا،جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى چەتئەللەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرى بىلەن ئامما كەڭ كۆلەمدە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان پىكىر تەكلىپلەر ئاساسىدا، 139 -نومۇرلۇق بۇيرۇقتا، يوقارقىدەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ نومۇر خاتىرىلەش قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بۇ خىل قىلمىشلارغا بولغان جازالاش سالمىغىنى ئاشۇردى. يول يۈرگەن ئاپتوموبىللار نومۇر تاختىسى ئاسمىسا ياكى قەستەن بۇزۇۋەتسە ، مەينەت قىلىۋەتكەن بولسا ياكى بەلگىلىمە بويىچە ئاسمىغان بولسا، خاتىرىلىنىدىغان نومۇرى ئەسلىدىكى بىر قېتىمدا 6 نومۇر خاتىرىلەشتىن ، 12 نومۇر خاتىرىلەشكە يوقىرى كۆتۈرۈلدى.


8. نېمە ئۈچۈن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش قىلمىشىغا قارىتا نومۇر خاتىرىلەش، ئەسلىدىكى 3 نومۇر خاتىرىلەشتىن 6نومۇر خاتىرىلەشكە ئۆستۈرۈلدى؟


    جاۋاپ: قاتناش بەلگە چىرىغىغا رىئايە قىلماسلىقتەك، قاتناش قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بولسا ، ئاممىۋىي قاتناش تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، زىيىنى چوڭ بولۇپلا قالماستىن بەلكى قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ۋە ئۆلۈم يىتىم كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىزچىل تۈردە نۇقتىلىق تۈردە باشقۇرىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتۇر.

    ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2012 - يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىك قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى جەمئى بىر تەرەپ قىلغان قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش قىلمىشىنىڭ قېتىم سانى 2011 -يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 32.5 ئاشقان. 2011 -يىلى، قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرۇش قېتىم سانى 4768 گە، شۇ سەۋەپلىك ئۆلۈپ كەتكەنلەر 1175 ئادەمگە يەتكەن. <<يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى>>دا، شوپۇرلار قاتناش بەلگە چىراقلىرىغا خىلاپلىق قىلسا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 20 يۈەندىن يوقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قۇيۇش بىلەن بىرگە نومۇر خاتىرىلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

    قانۇنغا خىلاپ قىلمىش تەننەرخىنى يەنىمۇ بىر قەدەم يۇقىرى كۆتۈرۈش ،ھەيدىگۈچىلەرگە بولغان ئاگاھنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، 139 - نومۇرلۇق قاراردا ، قاتناش بەلگە چىراقلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قارىتا خاتىرىلىنىدىغان نومۇر، ئەسلىدىكى 3 نومۇردىن 6 نومۇر خاتىرىلەشكە تەڭشەلدى.


9. چوڭ دەرەخ ياكى چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ توسۇۋېلىشى سەۋەبلىك، قىزىل چىراغنى ئۇقۇشماي بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەنلەرگە قارىتا بېرىلىدىغان جازا كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟


    جاۋاپ:<< يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى >>دىكى بەلگىلىمىدە:''ھەر قايسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى مەمۇرىي ئەرز- شىكايەت ۋە قۇتقۇزۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى،ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا بېرىلگەن جازاغا قايىل بولماي ،مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلغاندىن ياكى مەمۇرىي ئەرز سۇنغاندىن كىيىن ،قانۇنغا ئاساسەن، ئەسلىدىكى قارارنى ئۆزگەرتىپ ياكى جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك نومۇرنى خاتىرىلىمەسلىككە بولىدۇ"دېيىلگەن. دەرەخ ياكى چوڭ ئاپتوموبىل توسۇۋېلىش سەۋەبلىك قىزىل چىراغنى ئۇقۇشماي بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىشكە كەلسەك، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، قاتناش سىگنال چىرىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سەۋەپلىك كېلىپ چىققانلىغى دەلىللەنسە، مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.


10. ئۇدۇل يۆلىنىش يول بۆلىكىدە كېتىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرى، يول ئېغىزىغا كەلگەندە قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوڭ- سولغا بۇرۇلغانلىقتەك قىلمىشنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش كېرەك؟


    جاۋاپ: بۇخىل قىلمىش بولسا، بەلگىلەنگەن يولدا يول يۈرمەسلىك قىلمىشىغا تەۋە بولۇپ، يولنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن بەلگىلەش كېرەك. ناۋادا،يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ،شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدا بەلگىلىمە بۇيىچە يول يۈرمىسە 3 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ ۋە 20 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قۇيىلىدۇ.ئەگەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول، شەھەر يولىدىن باشقا يولدا بەلگىلىمە بۇيىچە يول يۈرمىسە نومۇر خاتىرىلەنمەيدۇ. 20 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قۇيىلىدۇ.


11.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى پىيادىلەر توغرا يولىدىن تىز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كەتسە بۇلامدۇ؟


    جاۋاپ:پىيادىلەر يولى بولسا پىيادىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان قاتناش بەلگىسى بولۇپ،پىيادىلەر- پىيادىلەر توغرا يولىدا ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە. << يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى>>دا :''ماشىنىلار پىيادىلەر يولىغا كەلگەندە ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈشى كېرەك؛ پىيادىلەرنىڭ يولدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، چوقۇم توختاپ يول بېرىشى كېرەك.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ،قاتناش سىگنالى يوق يولدا يول يۈرگەندە ، پىيادىلەرنىڭ يولدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە يول بېرىشى كېرەك ''دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ ئۇچۇن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر پىيادىلەر يولىدىن ئۆتكەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈشى، پىيادىلەر يولىدا پىيادىلەر بولسا ، ئاپتوموبىلنى توختىتىپ، ئۇلارغا يول بېرىشى كېرەك ،بولمىسا 20 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قۇيىلىدۇ ۋە 3 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ .


13. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىك بەلۋېغىنى تاقىماسلىقىغا قارىتا قانداق نومۇر خاتىرىلىنىدۇ؟


    جاۋاپ: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتتە يول يۈرۈۋاتقاندا كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدا جىددىي تورمۇزلاشقا توغرا كەلگەندە ،بىخەتەرلىك بەلۋېغىنى توغرا ئىشلەتكەندە ،ھەيدىگۈچى ۋە يولۇچىلار ئورۇندۇققا مەھكەم باغلىنىپ، ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ياكى يارىلىنىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بىخەتەرلىك بەلۋېغىنى ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ياكى شەھەر تىز سۈرئەتلىك يولىدا يول يۈرگەندە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك بەلۋېغىنى تاقىمىسا بىر قېتىمدا 2 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.


14. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول ئېغىزىدىكى سېرىق چىراقنى تالىشىپ يول يۈرۈشىگە جازا بېرىلەمدۇ؟


    جاۋاپ: <<يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى>>دا، سېرىق چىراق ئاگاھلاندۇرۇشنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يول ئېغىزىغا كەلگەندە چوقۇم سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۆتۈشى، سېرىق چىراق يانغاندا توختاش سىزىقىدىن ئۆتۈپ بولغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى داۋاملىق مېڭىۋېرىشى، توختاش سىزىقىدىن تېخى ئۆتمىگەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بولسا توختىشى كېرەك. سېرىق چىراقنى تالىشىپ يۈرۈش قىلمىشى بولسا، يول قاتناش سىگنال چىرىغىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بولۇپ، ھەيدىگۈچىگە 20 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە 6 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.


15. ئىككى قېتىم قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەندە، 12 نومۇر خاتىرىلىنىپ ھەيدەش كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز قىلىنامدۇ؟


    جاۋاپ: ئىككى قېتىم قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈش بولسا، جۇغلانما خاتىرىلەنگەن نومۇر 12 نومۇرغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالىدۇ. ھەيدىگۈچى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قائىدە بەلگىلىمىلىرىنى ئۆگىنىشكە بۇيرۇلۇپ، ئىمتىھاننى قوبۇل قىلىدۇ. ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن خاتىرىلەنگەن نومۇر تولۇقلىنىدۇ. ئەگەر لاياقەتلىك بولالمىسا داۋاملىق ئۆگىنىشكە قاتنىشىدۇ ۋە ئىمتىھان بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى قېتىم قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتسە ھەيدەش كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ دېگەن قاراش توغرا ئەمەس.


16. ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش قىلمىشىغا قارىتا قانداق نومۇر خاتىرىلىنىدۇ؟


    جاۋاپ: ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش بولسا قانۇنغا ئېغىر خىلاپ قىلمىش. جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقىدا،" ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەنلەرگە 12 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن. ھاراق ئىچىپ تىجارەت خاراكتېرىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەنلەرنىڭ ۋە مەس ھالەتتە تىجارەت خاراكتېرلىك ياكى باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگەنلەرنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.


17. ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشنىڭ ئۆلچەم دائىرىسى قانداق بولىدۇ ؟


    جاۋاپ: ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش- ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش ۋە مەس ھالەتتە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش دەپ ئايرىلىدۇ. ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش بولسا،ھەيدىگۈچىنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 20mg/100mg غا تەڭ ياكى چوڭ، 80mg/100mg دىن كىچىك بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مەس ھالدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش بولسا، ھەيدىگۈچىنىڭ قىنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 80mg/100mg غا تەڭ ياكى چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.


18. يول يۈرگەندە مەكتەپ ئاپتوبۇسىغا يول بەرمەسلىككە قارىتا قانداق نومۇر خاتىرىلىنىدۇ؟


    جاۋاپ: مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى توختىتىپ ئوقۇغۇچىلارنى چىقىرىپ - چۈشۈرۈش بولسا ، مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بىخەتەر قاتنىشىدىكى مۇھىم ئامىل ، شۇنداقلا ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ھالقا.شۇڭا « مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى » چەتئەللەرنىڭ ،بولۇپمۇ ئامېرىكا مەكتەپ ئاپتوبۇسى تۈزۈمىنىڭ ئۇتۇقلۇق تەدبىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ توختاپ، ئوقۇغۇچىلارنى چىقىرىش - چۈشۈرۈشىگە قارىتا ئالاھىدە ئىمتىياز بەرگەن.. يەنى " مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئۇدۇل يۆنىلىشتە بىرلا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى بار يولدا توختىغاندا، ئارقىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى توختاپ ساقلاپ تۇرۇشى، مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ياندىماسلىقى كېرەك. مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئۇدۇل يۆنىلىشتە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى بار يولدا توختىغاندا ، ئارقىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە قوشنا يولدىكى ئوخشاش يۆنىلىشتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى توختاپ ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك. باشقا يوللاردىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۆتۈشى كېرەك. مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ كەينىدە توختاپ ساقلاۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سىگنال ئۇرۇپ ياكى چىراق بەلگىسى بېرىپ سۈيلىمەسلىكى كېرەك " دەپ بەلگىلەنگەن .باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ،مەكتەپ ئاپتوبۇسى توختاپ ،ئوقۇغۇچىلارنى چىقىرىپ - چۈشۈرۈۋاتقاندا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا ،200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ 6 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.


19.مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئادەتتىمۇ مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگىسىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟


    جاۋاپ : مەكتەپ ئاپتوبۇسى يول يۈرگەندە ئالاھىدە ئاۋال يۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولغاچقا ،ئالاھىدە يول يۈرۈش مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئادا قىلىشى كېرەك.مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ ئالاھىدە ئاۋۋال يۈرۈش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەم مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدىگۈچىسىنىڭ ئالاھىدە ئاۋال يول يۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ، ئالاھىدە ئاۋال يۈرۈش ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىكىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، << مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى >>دا ،''مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئوقۇغۇچى توشۇغاندا، گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بەلگىلىگەن ئورۇنغا مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگە تاختىسىنى قويۇش كېرەك'' دەپ بەلگىلەنگەن .مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بەلگە تاختىسى بولسا ،ئاساسلىقى مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىنى ئالغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بەلگىلەنگەن يول يۆلىنىشىدە يۈرگەن يۈرمىگەنلىكىنى ، مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ھەيدەش سالاھىيىتىنى ئالغان ئالمىغانلىقىنى ،مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ ئادەم سېلىش نورمىسى بۇيىچە سالغان سالمىغانلىقىنى تەكشۈرىشىگە ۋە نازارەت قىلىشقا پايدىلىقتۇر. ئەگەر ئوقۇغۇچى توشۇمىغان ئەھۋالدا، مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگە تاختىسىنى ئىشلەتكەندە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان دەپ قارىلىپ ،200 يۈەن جەرىمانە قۇيىلىدۇ ۋە نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.


20. مەكتەپ ئاپتوبۇسى ماي قاچىلىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟


    جاۋاب: ماي قاچىلاش پونكىتى بولسا ئەڭ خەتەرلىك رايونغا تەۋە بولۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ماي قاچىلاش جەريانىدا ئۈسكۈنە توسالغۇغا ئۇچراش ياكى كۈتۈلمىگەن سەۋەبلەر بىلەن قاتناش ۋاستىلىرىغا ئوت كېتىش، ھەتتا پارتلاپ كېتىش قاتارلىق ھادىسىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنىڭ ناچار بولۇشى ، جىددىي ئەھۋالدا قېچىپ قۇتۇلۇش ، خەتەردىن دالدىلىنىش ئىقتىدارىنىڭ چوڭلارنىڭكىدىن ئاجىز بولىشى سەۋەبىدىن، مەكتەپ ئاپتوبۇسى ،ئوقۇغۇچىلار بارئەھۋالدا ماي قاچىلىغاندا، خەتىرى بەكمۇ چوڭ بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن « مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى >>دا:'' مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ھەيدىگۈچى، ئوقۇغۇچى بار ۋاقتىدا ماي قاچىلىماسلىق كېرەك'' دەپ بەلگىلەنگەن. ماي قاچىلاشقا توغرا كەلسە، ئوقۇغۇچىلارنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈۋېتىپ، ئاندىن ماي قاچىلىشى كېرەك. بولمىسا 200يۈەن جەرىمانە قۇيىلىدۇ ۋە ھەيدىگۈچىگە 2 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.


21. تەستىقلانغان يول يۆلىنىشىدە قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلسە،مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئايلىنىپ يول يۈرۈشكە بولامدۇ؟


    جاۋاپ: « مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى >> دا :''مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئوقۇغۇچى توشۇۋاتقاندا، قاتناش توختۇتۇلۇپ باشقۇرۇلۇش ئەھۋالىغا ، يول قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقان ئەھۋالغا،ناچار ھاۋارايى ياكى چوڭ قاتناش ھادىسىسى قاتارلىق ئەھۋالغا دۈچ كەلگەندىن باشقا ۋاقىتتا ،تەستىقتىن ئۆتكەن يول بۆلەكلىرىدە يول يۈرۈشى كېرەك".ئۇنىڭدىن باشقا،"قاتناش قىستاڭچىلىقىغا دۈچ كەلگەندە، قاتناش ساقچىلىرى ئوقۇغۇچى توشۇۋاتقان مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ ئاۋال يول يۈرۈشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك " دەپ بەلگىلەنگەن.شۇڭلاشقا،مەكتەپ ئاپتوبۇسى يول يۆلىنىشىدە قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلسە ، ئايلىنىپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن يولدىن ماڭماي ئايلىنىپ ماڭغانلارغا، 200يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ۋە 2 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.


22. مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ھەيدىگۈچى ، مەكتەپ ئاپتوبۇسى موتورىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەي، قورۇق خوتقا يۆتكەپ قويۇپ، ئورنىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلسا بولامدۇ؟


    جاۋاپ: مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ھەيدىگۈچى ئاپتوموبىلنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەي ، قورۇق خوتقا ئەكەپ قويۇپ ماشىنىدىن ئايرىلسا ،ئوقۇغۇچىلار قىزىقىش سەۋەپلىك خوتنى يۆتكەپ سېلىپ، خەتەر چىقىشى مۇمكىن. « مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى >> دا :" مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ھەيدىگۈچى، موتورنى ئۆچۈرمەي تۇرۇپ، ھەيدەش ئورنىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ "دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ماشىنىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەي تۇرۇپ ، ماشىنىدىن ئايرىلسا بولمايدۇ. ئەگەر خىلاپلىق قىلىنسا ،200يۈەن جەرىمانە قۇيىلىدۇ ۋە 2 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.


23. مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدىگۈچى يول بويىدىن خالىغانچە ئوقۇغۇچى چىقىرىۋېلىشقا بولامدۇ؟


    جاۋاپ: مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ يولدا توختىشى، مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە ھەمدە نورمال قاتنىشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا،« مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى >> دا :"ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئاپتوبۇسى توختاش بېكىتىدە چىقىپ چۈشۈشى كېرەك، مەكتەپ ئاپتوبۇسى توختاش بېكىتى تەسىس قىلىنمىغان جايلاردا، ئاممىۋى قاتناش بېكىتىدە توختىشى كېرەك " دەپ بەلگىلەنگەن.خالىغانچە توختىتىپ ئوقۇغۇچى چىقىرىپ چۈشۈرگەنلەرگە، 200يۈەن جەرىمانە قۇيىلىدۇ ۋە 2 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ .


24. نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟


    جاۋاپ:نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى 12 ئاي ،تولۇق نومۇر 12 نومۇر، ھەيدەش كىنىشكىسى ئالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ .


25. بىر قېتىملىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جازاسىدا، ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىش نومۇرى خاتىرىلەشكە توغرا كەلسە، ھەممىسى خاتىرىلىنەمدۇ ؟


  جاۋاپ: بىر قېتىمدا ئىككىدىن يۇقىرى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش نومۇرى خاتىرىلەشكە توغرا كەلسە،ئايرىم-ئايرىم ھېسابلىنىدۇ، خاتىرىلەنگەن نومۇر جۇغلىنىپ ماڭىدۇ.


26. نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى ئىچىدىكى نومۇر ، كىيىنكى دەۋرىيلىك نومۇر خاتىرىلەشكە تەسىر كۆرسىتەمدۇ ؟


    جاۋاپ: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىنىڭ بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى ئىچىدە خاتىرىلەنگەن نومۇرى 12 نومۇرغا يەتمىسە، ھەمدە جەرىمانىنى تاپشۇرۇپ بولغان بولسا، نومۇرى تولۇقلىنىدۇ. نومۇر گەرچە 12 گە يەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن قويۇلغان جەرىمانە تاپشۇرۇلمىغان بولسا، ئالدىنقى نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى ئىچىدىكى خاتىرىلەنگەن نومۇرى ،كىيىنكى نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكىگە كىرىپ كېتىدۇ .


27. قاتناش قانۇنىغا يېنىك تۈردە خىلاپلىق قىلغان قىلمىش ئۈچۈن نومۇر خاتىرىلەنمىسىمۇ ياكى جەرىمانە قويۇلمىسىمۇ بولامدۇ؟


    جاۋاپ:<< يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى>>غا ئاساسەن، خاراكتېرى يېنىك، يول قاتنىشىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەن بولسا، جامائەت خەۋەپسىزلىك قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قويۇپ بەرسە بولىدۇ.