9 دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر

9.4 مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگىسى ۋە ھەيدىگۈچى


1. مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدەش ئىجازىتىگە ئىلتىماس قىلغاندا قايسى شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرۈش كېرەك؟


    جاۋاب : مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق بولۇپ، ئىجتىمائىي تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ھەيدىگۈچى، چوقۇم تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بىخەتەر ھەيدەش ئېڭىغا ۋە ماھارىتىگە ئىگە بولۇشى لازىم. « مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى » ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقىدا ,مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكىدەك ئالتە شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك دېيىلگەن:

    بىرىنچى: مۇناسىپ ئاپتوموبىل تىپى ھەيدەش كىنىشكىسى ھەمدە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ھەيدەش تارىخىي بولۇشى ، يېشى 25 ياشتىن يۇقىرى ، 60 تىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇشى كېرەك ؛

    ئىككىنچى ، يېقىنقى ئۇدا ئۈچ نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى ئىچىدە تولۇق نومۇر خاتىرىلەنگەن خاتىرىسى بولماسلىقى كېرەك؛

    ئۈچىنچى : ئۆلۈم يىتىم ياكى ئېغىر يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى خاتىرىسى بولماسلىقى كېرەك؛

    تۆتىنچى : ھاراق ئىچىپ ياكى مەست ھالەتتە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش خاتىرىسى ، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش جەريانىدا ،يولۇچى ترانسپورت ئاپتوموبىلىغا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش،سۈرئەتنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش قاتارلىق ئېغىر دەرىجىدە قاتناش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى خاتىرىلەنمىگەن بولۇش كېرەك ؛

    بەشىنچى : جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخىي يوق بولۇش كېرەك؛ ئالتىنچى : جىسمانىي ۋە روھىيىتى ساغلام، يۇقۇملۇق كېسىلى ، تۇتقاقلىق كېسىلى يوق بولۇشى، روھىي كېسەللىك قاتارلىقلار يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان كېسەللىك تارىخىي يوق بولۇشى، ھاراق ئىچىش ، زەھەر چېكىش قىلمىش خاتىرىسى يوق بولۇشى كېرەك.

    ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى بولسا ، ئومۇمەن ، ياش شەرتى تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغان، 12 نومۇر تولۇق خاتىرىلەنگەن خاتىرىسى بار, شۇنداقلا بۇنىڭدىن باشقا مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋاللار بولسا، ھەيدىگۈچىنىڭ مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ھەيدەش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.


2. مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدەش سالاھىيىتىگە قانداق ئىلتىماس قىلىنىدۇ؟


    جاۋاپ: بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەيدىگۈچى ،ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيە دەرىجىلىك ياكى رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئورنىغا ئىلتىماسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇشى ھەمدە 4 تۈرلۈك ئىلتىماس ماتېرىيال تاپشۇرۇشى ، ئىلتىماس جەدۋىلى تولدۇرۇشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

    (1) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كىملىك ئىسپاتى؛

    (2) موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ھەيدەش كىنىشكىسى ؛

    (3) نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورنى چىقىرىپ بەرگەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخىي، زەھەر چېكىش قىلمىشى يوقلۇق ئىسپاتى؛

    (4) ناھىيە دەرىجىلىك ياكى قىسىم تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن "سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپات جەدۋېلى". جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى 5 كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن بولغانلىرىغا قارىتا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى ئۈستىگە مەكتەپ ئاپتوبۇسى ۋە ئالاقىدار ئاپتوموبىل تىپلىرىنى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىش تامغىسى بېسىپ بېرىدۇ.

    ئىلتىماس قىلىشنىڭ تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك:



3. جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىنىڭ مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ ھەيدىگۈچىسىگە قارىتا قانداق قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى بار؟


    جاۋاپ: بىرىنچى : مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدىگۈچىسى ،ھەريىلى تەلىم تەربىيە تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىشى لازىم. مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەربىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغان ۋاقىتتا، ناھىيە دەرىجىلىك ياكى قىسىم تۇەنى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن "سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپات جەدۋېلى" نى تاپشۇرۇشى، ئۈچ سائەتتىن كەم بولمىغان يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن قائىدىلىرى، قاتناش بىخەتەرلىكى بۇيىچە مەدەنىي يۈرۈش، جىددىي بىرتەرەپ قىلىش بىلىملىرى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشكە قاتنىشىشى ھەمدە قاتناش ۋەقەسى تىپىك دېلو مىساللىرىدىن ئىبرەت تەلىم تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

    ئىككىنچى : جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ھەيدىگۈچىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش ئەھۋالاتلىرىغا قارىتا نازارەت يۈرگۈزۈشى، ھەر ئايدا مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدىگۈچىسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى، قاتناش ھادىسە ئۇچۇرلىرىنى مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى ۋە مەكتەپكە ئۇقتۇرۇپ تۇرۇشى، شۇ ئارقىلىق مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ھەيدىگۈچىلەرنى قاتناش قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشى ۋە ھادىسىلىرىنى دەل ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىپ تۇرىشىغا دەۋەت قىلغىلى بولىدۇ.

    ئۈچىنچى : بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغان مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدىگۈچىسىگە ياكى مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدىگۈچىسى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان بىكار قىلىش ئىلتىماسىغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇ كىشىنىڭ مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدەش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ.

    تۆتىنچى : مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدىگۈچىلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ قانۇن بويىچە جازاغا ئۇچرىسا ياكى يول قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ،<< مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى >>دا بەلگىلەنگەن مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدىگۈچىسى شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدەش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەيدەش كىنىشكىسىدە يازما ئەسكەرتىش قىلىدۇ.


4. مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگە تاختىسى ۋە مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئىشلىتىش ئىجازىتىگە قانداق ئىلتىماس قىلىش كېرەك ؟


    جاۋاپ: گوۋۇيۈەننىڭ « مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى » دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ، مەكتەپ ياكى مەكتەپ ئاپتوبۇسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ،مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئىشلىتىش ئىجازىتىگە ئىلتىماس قىلغاندا، ناھىيە دەرىجىلىك ياكى رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى ، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە قاتناش ترانسپورت تارماقلىرىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن ، تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئىشلىتىش ئىجازىتى بېرىشنى قارار قىلىشنى خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللىشى كېرەك.جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئىشلىتىش ئىجازەت قارارىغا ئاساسەن، مەكتەپ ئاپتوبۇس بەلگىسى تارقىتىشى كېرەك . گوۋۇيۈەننىڭ « مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى »غا ئاساسەن،مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئىجازىتىگە ئىلتىماس قىلىشنىڭ تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:



    چۈشەنچە بېرىشكە تېگىشلىكى، ھۆكۈمەتكە مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئىشلىتىش ئىجازىتى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتىن بورۇن، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان مەكتەپ ئاپتوبۇسى ياكى غەيرىي مەخسۇس مەكتەپ ئاپتوبۇسىلىرىنىڭ ھەممىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا رويخەتكە ئېلىپ تىزىملىتىشقا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى ۋە نومۇر تاختىسىنى تارقىتىدۇ . موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىسى پەقەت ئاپتوموبىللارنىڭ قانۇنلۇق يول يۈرۈش يولغا چىقىش ئىسپاتى بولىدۇ، مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگە تاختىسى ئالمىغان ئاپتوموبىللارنىڭ كىچىك بالىلار ياكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىشىگە بولمايدۇ .


5 . مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئىشلىتىش ئىجازىتى ۋە بەلگە تاختىسى ئىلتىماس قىلغاندا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرتۈش كېرەكمۇ ؟


    جاۋاب : مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئىشلىتىش ئىجازىتى ئىلتىماس قىلغاندا ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرتۈشكە بېرىشى كېرەك؛ ئىجازەتنى ئېلىپ بولۇپ، مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگە تاختىسى ئالىدىغان چاغدا ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرتمىسىمۇ بولىدۇ . گوۋۇيۈەننىڭ « مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى » ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ 124 - نومۇرلۇق بۇيرۇقىغا ئاساسەن، مەكتەپ ياكى مەكتەپ ئاپتوبۇسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ،مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئىشلىتىش ئىجازىتى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن ، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئۈچ كۈن ئىچىدە ،جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىش لازىم. جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەۋەتكەن پىكىر ئېلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى بىر كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرتۈشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك . موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرگەن ۋاقىتتا مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگە چىرىغى ، ئاپتوموبىل توختىتىش بەلگىسى، سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش قۇرۇلمىسى ۋە جاننى قۇتقۇزۇش بولقىسى ، قۇرغاق كۇكۇنلۇق ئوت ئۆچۈرگۈچ، جىددىي قۇتقۇزۇش ساندۇقى قاتارلىق بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى ، مەخسۇس مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بەلگىسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە , يەنە مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ يول يۈرۈش لىنىيىسى ، قاتناش ۋاقتى ۋە توختاش بېكىتى ، شۇنىڭدەك موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ئىگىسىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى , مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھەيدىگۈچىنىڭ سالاھىيىتى قاتارلىق ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈشى كېرەك.


6. مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگە تاختىسىنى مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ قايسى ئورنىغا قويۇش كېرەك؟


    جاۋاپ : مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگە تاختىسى ئالدى - كەينى ئىككى پارچە بولۇپ ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالدى شامال توسۇش دەرىزىسىنىڭ ئەينىكى ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىگە ۋە كەينى شامال توسۇش دەرىزىسىنىڭ ئەينىكىنىڭ مۇۋاپىق جايىغا قويۇش كېرەك . كەينى بەلگە تاختىسى قويۇلغان چاغدا ، بىخەتەر ھەيدەش ھەيدىگۈچىنىڭ كۆرۈش سىزىقىغا توسقۇن بولمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، يول يۈزىنى پەرق ئېتىشىگە قولايلىق بولۇشى شەرت .


7 . مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگە تاختىسى يوقاپ كەتسە ، يۈتۈپ كەتسە ياكى بۇزۇلۇپ كەتسە قانداق تولۇقلاپ ، يەڭگۈشلەش كېرەك ؟


    جاۋاب : مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگە تاختىسى يوقاپ كەتسە ، يۈتۈپ كەتسە ياكى بۇزۇلۇپ كەتسە، مەكتەپ ياكى مەكتەپ ئاپتوبۇسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى، بەلگە تاختىسى تولۇقلاپ ياكى ئالماشتۇرۇپ ئېلىشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغاندا ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىدارىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى ھەمدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ ، تولۇقلاپ بېرىش ياكى مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگە تاختىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشى كېرەك .


8. مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگىسىدىكى ئەسكەرتىش مەزمۇنىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى قانداق بېجىرىش كېرەك ؟


    جاۋاب : مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بەلگە تاختىسىدا خاتىرىلەنگەن مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ يول يۈرۈش لىنىيىسى، قوزغىلىش ۋاقتى، بېكەتتە توختاش ۋاقتى ياكى قاتناش ۋاسىتىلىرى، ئىگىدارلىق قىلغۇچى ۋە ھەيدىگۈچى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولغاندا، تەۋەلىكتىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا ،قايتىدىن مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئىجازىتى ئېلىشقا ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك. خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ يېڭى مەكتەپ ئاپتوبۇس بەلگىسىنى ئالماشتۇرۇۋالسا بولىدۇ.


9. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى مەكتەپ ئاپتوبۇسى قىلىپ ئىشلەتمەيدىغان بولغاندا قايسى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك ؟


    جاۋاب : مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگە تاختىسى ئالغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى براك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا ياكى بۇندىن كىيىن مەكتەپ ئاپتوبۇسى قىلىنمايدىغان بولسا ، مەكتەپ ياكى مەكتەپ ئاپتوبۇسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى، مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگە چىرىغى ، ئاپتوموبىل توختىتىش بەلگىسى , مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بەلگىسى قاتارلىقلارنى ئېلىۋېتىشى لازىم ھەمدە مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بەلگە تاختىسىنى تارقاتقان جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىش لازىم .

    ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى ، مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئىشلىتىش ئىجازىتى ئىناۋەتسىز قىلىنغان ،رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا، مەكتەپ ئاپتوبۇسى بەلگە چىرىغى ، ئاپتوموبىل توختىتىش بەلگىسى , مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بەلگىسى قاتارلىقلارنى ئېلىۋېتىشى لازىم . ھەمدە مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بەلگە تاختىسىنى تارقاتقان جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىش لازىم. بۇندىن باشقا گوۋۇيۈەننىڭ 《 مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى 》 ۋە 124 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەخسۇس ئىشلىتىدىغان مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ ئىشلىتىش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.


10. مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى رويخەتكە ئېلىش ، بىخەتەر تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ،شۇنىڭدەك براك قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قانداق ئالاھىدە بەلگىلىمە بار ؟


    جاۋاب : مەكتەپ ئاپتوبۇسى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ھامان جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ ؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ 124 - نومۇرلۇق بۇيرۇقىدا، مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى رويخەتكە ئېلىش ، تەكشۈرۈش ۋە براك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر بەلگىلەندى .

    بىرىنچى : مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئېسىشتىن بۇرۇن چوقۇم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك . بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى رويخەتكە ئېلىشتىن بورۇن، چوقۇم بىخەتەر تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ ، مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .

    ئىككىنچى :مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش كېرەك . بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم بىخەتەر تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ ئادەتتە رايون ھالقىپ ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ ، مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى باشقا جايدا تەكشۈرۈشكە ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك .

    ئۈچىنچى : قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى براك قىلىنغان مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى پارچىلاشنى نازارەت قىلىشى كېرەك. براك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن مەكتەپ ئاپتوبۇسى چوقۇم قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ نازارىتى ئاستىدا پارچىلىنىشى، براك قىلىنغان مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ داۋاملىق يولغا چىقىرىپ ھەيدەشنى قەتئىي رەت قىلىش لازىم.