9 دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر

9.3 ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىشلىتىش


1. چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگۈچىنىڭ يىللىق تەكشۈرتۈشىگە قارىتا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟


    جاۋاب : چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل , شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىلى، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى, چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگۈچىسىنىڭ يىللىق تەكشۈرتۈشى ئىككى خىل ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

     بىرىنچى ، ھەر بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك . لېكىن ، بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى ئىچىدە نومۇر خاتىرىسى يوق بولغان بولسا ، شۇ نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى ئىچىدە يىللىق تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارمىسىمۇ بولىدۇ . تەكشۈرۈش قىلغاندا ، ھەيدىگۈچى سالامەتلىك ئەھۋالى جەدۋىلىنى ئەينەن تولدۇرۇشى كېرەك ، سەھىيە ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن "سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋېلى "تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز .

     ئىككىنچى ، ھەيدەش كىنىشكىسىنى باشقا جايغا يۆتكىگەندە ياكى كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇپ ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتتا ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك . تەكشۈرۈش قىلغاندا ،سەھىيە ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن "سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋېلى "تاپشۇرۇشى كېرەك .

     ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى بولسا ، ھەيدىگۈچىلەر بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈش قىلماي يەنىلا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەن بولسا ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى 200 يۈەندىن يۇقىرى ، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ . قىسمەن چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل , شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىلى , ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى , چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگۈچىلەر ، ئەگەر چوڭ ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ، يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش ئېھتىياجى يوق بولسا، ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسىنى كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسىگە تۆۋەنلىتىشكە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.


2. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ،موتسىكىلىت قاتارلىقلارنىڭ ھەيدىگۈچىلىرىنىڭ يىللىق تەكشۈرتۈشىگە قارىتا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟


    جاۋاپ: كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ،موتسىكىلىت قاتارلىقلارنىڭ ھەيدىگۈچىلىرىنىڭ تەكشۈرتۈش ئەھۋالى ئىككى خىل بولىدۇ:

    بىرىنچىسى، قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ ئۆلۈم يىتىم كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،تەڭ مەسئۇلىيەتتىن يوقىرى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، بىراق ھەيدەش كىنىشكىسى بىكار قىلىنمىغان بولسا، نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك؛

     ئىككىنچىسى، ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئۆز تەۋەلىكىدىن باشقا جايغا يۆتكىگەن ياكى ئىناۋەتلىك مۇددىتى توشۇپ ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

     ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، ھەيدىگۈچى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تەكشۈرتۈش قىلماي داۋاملىق موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىك قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.


3. ھەيدىگۈچىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىتا قانداق مەزمۇنلار بار ؟


    جاۋاب : جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەيدىگۈچىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشى ۋە ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىشى ، بەدەن شارائىتى , قانۇنغا خىلاپ خاتىرىلەنگەن نومۇرى ۋە 12 نومۇر خاتىرىلەشتىن كېيىن ، تەلىم - تەربىيە ئۆگىنىشىگە قاتنىشىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرىدۇ . چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇس , سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل , شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىلى , ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى , چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ قاتناش قانۇنغا خىلاپ خاتىرىلەنگەن نومۇرى بار بولسا، شۇنىڭدەك كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، موتسىكلىت قاتارلىقلارنى ھەيدىگۈچىلەر قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ تەڭ مەسئۇلىيەتتىن يوقىرى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ،بىراق ھەيدەش كىنىشكىسى بىكار قىلىنمىغان بولسا، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا، ئۈچ سائەتتىن ئاز بولمىغان يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن نىزاملىرى، قاتناش بىخەتەرلىكى مەدەنىي يول يۈرۈش، جىددىي ئەھۋالنى بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىشى ،شۇنداقلا قاتناش ھادىسىلىرى دېلولىرىدىن ئىبرەت تەلىم - تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.


4. ھەيدەش كىنىشكىسىنى يۆتكەپ كىرىپ ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتتا، تەكشۈرتۈش قىلىپ بولغان بولسا، نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە قايتىدىن تەكشۈرتۈش كېرەكمۇ يوق ؟


    جاۋاپ: ھەيدەش كىنىشكىسىنى يۆتكەپ ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتتا ،چوقۇم بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشى لازىم. يۆتكەلگەندىن كېيىن مۇشۇ نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، چوڭ - ئوتتۇرا تىپلىق يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگۈچىلىرى يېڭىدىن نومۇر خاتىرىلەش پەيدا قىلسا، ھەمدە باشقا ماشىنا تىپىنى ھەيدىگۈچىلەر ئۆلۈم - يېتىم پەيدا قىلغان قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ ،تەڭدىن يوقىرى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە، يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشى كېرەك. ھەيدەش كىنىشكىسىنى يۆتكەپ ئەكىرىپ ئالماشتۇرۇپ تەكشۈرتۈش قىلغان ۋاقىتتا ئۆگىنىش تەلىم - تەربىيىسىگە قاتناشقانلارنىڭ، يەنە بىر قېتىم تەكشۈرتۈش قىلغان ۋاقىتتا ئۆگىنىش تەلىم - تەربىيىسىگە قاتنىشىشى ھاجەتسىز.


5 . چوڭ ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگۈچىنىڭ 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىكى نومۇر خاتىرىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولامدۇ ؟


    جاۋاب : كونا خاماننى سورىماسلىق پرىنسىپى بويىچە ، 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 -كۈنىدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن قاتناش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە خاتىرىلەنگەن نومۇرنى، تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىقىنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ. 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن كېيىن يۈز بەرگەن قاتناش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە خاتىرىلەنگەن نومۇرنى، تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىقىنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.


6. چوڭ ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگۈچى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ۋاقىتتا "سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپات جەدۋىلى" تاپشۇرامدۇ؟


    جاۋاب : چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل , شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىلى , ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى , چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگۈچى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ۋاقتىدا ،پەقەت ئۆز ئالدىغا بەدەن ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش جەدۋىلى تولدۇرۇشى لازىم ، دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى توشۇپ ياكى ھەيدەش كىنىشكىسىنى يۆتكەپ ئەكىرىپ ئالماشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ياكى قىسىم تۇەنى دەرىجىلىك سەھىيە ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن "سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپات جەدۋېلى"نى تاپشۇرۇشى كېرەك.


7. قايسى خىل كىنىشكا كەسپىنى بېجىرگەندە "سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپات جەدۋىلى" تاپشۇرۇش كېرەك؟


    جاۋاپ: تۆۋەندىكى كەسىپلەرنى بېجىرگەن ۋاقتىدا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ياكى قىسىم تۇەنى دەرىجىلىك سەھىيە ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن "سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپات جەدۋىلى" نى تاپشۇرۇش لازىم:

     بىرىنچى: تۇنجى قېتىم ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلغاندا ياكى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆرلىتىشكە ئىلتىماس قىلغاندا؛

     ئىككىنچى: ھەربىي قىسىم، قوراللىق ساقچى قىسىم، چېگرا سىرتىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرغاندا،ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى توشۇپ ئالماشتۇرغاندا، ھەمدە باشقا جايدىكى ھەيدەش كىنىشكىسىنى يۆتكەپ كىرىپ ئالماشتۇرۇش كەسپى بېجىرگەندە؛

    ئۈچىنچى:بەدەن شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەپلىك تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، ھەيدەش كىنىشكىسىنىىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەندە ؛

    تۆتىنچى ، يېشى 70 ياشتىن ئاشقان ھەيدىگۈچىلەر ، ھەر يىلى بىر قېتىم "سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپات جەدۋىلى" تاپشۇرۇشى لازىم؛ مېيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتۇماتىك خوتلۇق يولۇچى ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگۈچىلەر، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم "سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپات جەدۋىلى" تاپشۇرۇشى لازىم.

     ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى بولسا ، مېيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتۇماتىك خوتلۇق يولۇچى ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگۈچىلەر، چوقۇم ئۆلكە دەرىجىلىك سەھىيە باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بېكىتىپ بەرگەن مەخسۇس سەھىيە ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن "سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپات جەدۋىلى"نى تاپشۇرۇشى لازىم.


8. چېگرا سىرتى، ھەربىي قىسىم، قوراللىق ساقچى قىسىم ھەيدەش كىنىشكىسىنى يەرلىكنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرغاندا، پراكتىكا ۋاقتىدىكى باشقۇرۇشقا تەۋە بولامدۇ؟


    جاۋاپ: تۇنجى قېتىم ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلغان ياكى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرىلىتىشقا ئىلتىماس قىلغاندا، پراكتىكا مەزگىلى باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈلىدۇ. چېگرا سىرتى، ھەربىي قىسىم ، قوراللىق ساقچى قىسىم ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىگە ھەيدىگۈچىنىڭ ھەيدەش تارىخى بار بولغاچقا، ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن پراكتىكا مەزگىلىدىكى باشقۇرۇشقا تەۋە بولمايدۇ.


9. پراكتىكا مەزگىلىدىكى باشقۇرۇشتا قايسى يېڭى بەلگىلىمىلەر بار؟


    جاۋاپ: ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ پراكتىكا مەزگىلىدىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېڭى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ مەدەنىي يول يۈرۈش، قانۇنغا بويسۇنىدىغان تونۇشىنى ۋە ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. يېڭى ھەيدىگۈچىلەرگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 139 -نومۇرلۇق بۇيرۇق يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ پراكتىكا مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى:

    بىرىنچى : ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ دەرىجسى يۇقىرىلىتىپ، يېڭىدىن چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، سۆرەش ئاپتوموبىلى قاتارلىق ھەيدەش كىنىشكىلىرىنى ئالغان ھەيدىگۈچىلەر بىردەك پراكتىكا مەزگىلىدىكى باشقۇرۇشقا تەۋە بولىدۇ.

    ئىككىنچى : پراكتىكا مەزگىلىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىققاندا ، چوقۇم مۇناسىپ ياكى تېخىمۇ يۇقىرى تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى بار، ھەمدە 3 يىلدىن يۇقىرى سىتاژغا ئىگە ھەيدىگۈچىلەر ھەمراھ بولىشى كېرەك.

    ئۈچىنچى : پراكتىكا مەزگىلىدە ھەيدەش كىنىشكىسىدە 12 نومۇر خاتىرىسى بولسا ، ھەيدەش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ .

    تۆتىنچى : چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگۈچى پراكتىكا مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، بىخەتەر ، مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ، قاتناش ھادىسىسى ئىبرەت تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك .

    بەشىنچى : چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگۈچى پراكتىكا مەزگىلىدە، 6 نومۇردىن يۇقىرى قاتناش قانۇنغا خىلاپ خاتىرىسى بولغاندا ، پراكتىكا مۇددىتىنى بىر يىل ئۇزارتىلىدۇ؛ ئۇزارتىلغان پراكتىكا مۇددىتى ئىچىدە يەنە بىر قېتىم 6 نومۇردىن يۇقىرى ، ئەمما 12 نومۇرغا يەتمىگەن نومۇر خاتىرىسى بولسا ، ئۇنىڭ پراكتىكا مەزگىلىدىكى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى ، پراكتىكا ۋاقتىدىكى ھەيدىگۈچى ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىسىغا پراكتىكا بەلگىسىنى چاپلاش لازىم.


10. پراكتىكا مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى قانداق يۈرگۈزۈش كېرەك؟


    جاۋاپ : كونا خاماننى سورىماسلىق پرىنسىپى بويىچە ، 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 -كۈنىدىن كىيىن ، ھەيدەش كىنىشكىسىگە ياكى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرىلىتىشقا ئىلتىماس قىلغانلارلا ، پراكتىكا مەزگىلىدىكى باشقۇرۇشقا تەۋە بولىدۇ.


11. پراكتىكا مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماشىنا ھەيدىگەندە، ھەمراھ بولىدىغان خادىمنىڭ قايسى خىل تىپتىكى ھەيدەش كىنىشكىسى بولۇشى لازىم؟


    جاۋاپ: پراكتىكا مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماشىنا ھەيدىگەندە ، چوقۇم مۇناسىپ ياكى تېخىمۇ يۇقىرى تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى بار، ھەمدە 3 يىلدىن يۇقىرى سىتاژغا ئىگە ھەيدىگۈچى ھەمراھ بولۇشى كېرەك. مېيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتۇماتىك خوتلۇق يولۇچى ئاپتوموبىلى ھەيدىگەندە، كىچىك تىپتىكى ئاپتۇماتىك خوتلۇق يولۇچى ھەيدەش كىنىشكىسىدىن يۇقىرى ھەيدەش كىنىشكىسى بار ھەيدىگۈچى ھەمراھ بولۇشى لازىم. تۆۋەندىكى جەدۋەلگە ئاساسەن ھەمراھ بولىدىغان خادىمنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى بېكىتىشكە بولىدۇ:


پراكتىكا ھەيدەش كىنىشكا تىپى ھەمراھ بولغۇچىنىڭ كىنىشكا تىپى
A1 ( چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ) A1
A2 ( سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل ) A2
A3 ( شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى ) A1,A3
B1 ( ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ) A1,A2,B1
B2 ( چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ) A1,A2,B2
C1 ( كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ) A1,A2,A3,B1,B2,C1
C2 ( كىچىك تىپتىكى ئاپتۇماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل ) A1,A2,A3,B1,B2,C1,C2
C5 ( مېيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتۇماتىك خوتلۇق يولۇچى ئاپتوموبىلى ) A1,A2,A3,B1,B2,C1,C2,C5
















12. قايسى خىل ئەھۋال ئاستىدا پراكتىكا ۋاقتى ئۇزارتىلىدۇ؟


    جاۋاپ: ھەيدىگۈچى 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن كېيىن ،يېڭىدىن چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل، شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ۋە چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالغاندىن كىيىن، پراكتىكا مەزگىلىدە6 نومۇردىن يۇقىرى نومۇر خاتىرىلەنگەن لېكىن 12 نومۇرغا يەتمىگەن بولسا، پراكتىكا مەزگىلى بىر يىل ئۇزارتىلىدۇ. ئۇزارتىلغان پراكتىكا مەزگىلى ئىچىدە، تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ:

    بىرىنچى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىپ ماشىنا ھەيدىگەندە بەلگىلىمە بويىچە ھەيدىگۈچى ھەمراھ بولسۇن؛

    ئىككىنچى، پراكتىكا ۋاقتى ئۇزارتىلغان مەزگىلدە، يەنە بىر قېتىم 6 نومۇردىن يۇقىرى نومۇر خاتىرىلەنسە ،ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپى ھەيدەش كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ؛

    ئۈچىنچى، بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى ئىچىدە خاتىرىلەنگەن نومۇرى 12 نومۇرغا توشقانلارنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىۋېتىلىدۇ؛

    تۆتىنچى، پراكتىكا مەزگىلى ئاياغلاشقاندىن كېيىن تەلىم - تەربىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى لازىم.


13. ھەيدىگۈچى زەھەرگە چېتىشلىق بولۇپ ھەيدەش كىنىشكىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدىغان ئەھۋاللار قايسىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟


    جاۋاپ: زەھەرگە چېتىشلىق ھەيدىگۈچى ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدا ھەيدەش كىنىشكىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ:

    بىرىنچى : زەھەر چەككەن، زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغاندىن كېيىن موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن بولسا؛

    ئىككىنچى : ئىجتىمائىي رايوندا زەھەر تاشلاش، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاش ياكى ئىجتىمائىي رايوندا ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقان بولسا؛

    ھەيدىگۈچى زەھەرگە چېتىشلىق بولۇپ ھەيدەش كىنىشكىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەندىن كىيىن، ئۈچ يىل ئىچىدە زەھەر چەككەن، زەھەر ئۇكۇل قىلىپ ئۇرغان ھەرىكىتى بولمىسا ياكى مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش تەدبىرى بىكار قىلىنىپ ئۈچ يىل توشقان بولسا، قايتىدىن ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.


14. چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگۈچىلەر ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش تۈزۈمىدە قانداق بەلگىلەنگەن؟


    جاۋاپ: چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل، شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەش كىنىشكىسى بار ھەيدىگۈچىلەر، ئۆلۈم - يېتىم پەيدا قىلغان قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ تەڭ مەسئۇلىيەتتىن يوقىرى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولسا، بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكى ئىچىدە خاتىرىلەنگەن نومۇرى 12 نومۇرغا يەتكەن بولسا ياكى ئۇدا ئۈچ نومۇر خاتىرىلىنىش دەۋرىيلىكى ئىچىدە تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغان بولسا، ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىك قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى شۇ كىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپى ھەيدەش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ.


15. 139- نومۇرلۇق بۇيرۇقتا ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش تۈزۈمى قايسى تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟


    جاۋاپ: ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش تۈزۈمى، پەقەت چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل، شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان بولۇپ ، دەرىجىسى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا C1 غا تۆۋەنلەيدۇ. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، موتسىكلىت قاتارلىق ھەيدەش تىپلىرىدا دەرىجە تۆۋەنلەش مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك ئىش: دەرىجە تۆۋەنلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولسا، ھەر قېتىمدا پەقەت ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپى ئىچىدىكى دەرىجسى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر ماشىنا تىپى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ. مەسىلەن :ھەيدىگۈچىنىڭ AIA2 پراۋىسى بار بولسا، بىرىنچى قېتىمدا پەقەت A1 رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ.


16. چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ دەرىجىسىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىش بەلگىلىمىسى قانداق بولىدۇ ؟


جاۋاپ: چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل، شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى ، بەلگىلىمە بويىچە دەرىجىسى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ. تۆۋەندىكى جەدۋەلگە سېلىشتۇرۇپ دەرىجە تۆۋەنلىتىلىدۇ:


دەرىجىسى تۆۋەنلەشتىن بۇرۇنقى  كىنىشكا تىپى دەرىجىسى تۆۋەنلىگەندىن كېيىنكى كىنىشكا تىپى
A1  A3,B1,B2 
A1,A2 A2,A3 
A2 B1,B2 
A2,A3 A3,B1,B2
A3  C1
A3,B1 B1 
A3,B2 B2
A3,B1,B2 B1,B2 
B1 C1,M 
B1,B2 B2
B2 C1,M 














17. 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى قاتناش قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق نومۇر خاتىرىسى ۋە قاتناش ھادىسە پەيدا قىلىشى،دەرىجە تۆۋەنلىتىشنىڭ ئاساسى قىلىنامدۇ؟


    جاۋاپ : كونا خاماننى سورىماسلىق پرىنسىپى بويىچە، 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىكى قاتناش قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق نومۇر خاتىرىسى ۋە قاتناش ھادىسە پەيدا قىلىشى، دەرىجە تۆۋەنلىتىشىنىڭ ئاساسى قىلىنمايدۇ. 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن كېيىنكىسى بولسا ،دەرىجە تۆۋەنلىتىشىنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.


19. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىنىڭ ئۇچۇرىدا ئۆزگىرىش بولغاندا نېمە ئۈچۈن ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك ؟ قانداق ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك؟


    جاۋاب : ئۇچۇرلارنى ئەينەن مەلۇم قىلىش بولسا ،ھەيدىگۈچىلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى . جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پەقەت ھەيدىگۈچىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى توغرا ئىگىلىگەندىلا ، ئاندىن ھەيدىگۈچىگە قارىتا قاراتمىلىق بولغان ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى يۈرگۈزەلەيدۇ .

    ھازىر كۆپ ساندىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەت ۋە رايونلاردا ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇر ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە بار. ئەنگلىيە , ئامېرىكا , شياڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق بولغان ھەيدىگۈچى ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىشىنى ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمىنى تەسىس قىلغان . مەسىلەن: شياڭگاڭدا ھەيدىگۈچى چوقۇم ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى 72 سائەت ئىچىدە مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكى ، بولمىسا 2000 شياڭگاڭ پۇلى جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن؛ ئەنگلىيىدە ھەيدىگۈچى ئادرېسىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ، ئەگەر ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىپ قويمىسا، 1000 فوندستېرلىڭ جەرىمانە تۆلەشكە ئۇچرايدۇ .

    شۇنىڭ ئۈچۈن ،ھەيدىگۈچىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ توغرا ،ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەيدىگۈچىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى ، ئالاقىلىشىش ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە ، شۇنداقلا، چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل ، شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىلى ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى, چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىل تىپلىرىدىكى ماشىنىلارنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىگە ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ھەيدەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇرىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلسە ، ئۇچۇر ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە ، ھەيدەش كىنىشكىسى تارقاتقان جايدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

    ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى بولسا ، بۇنىڭدىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى ، خەت - چەك قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەيدىگۈچىنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كەتسىمۇ ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرماسلىق ، قەرەلى ئۆتۈپ كەتسىمۇ سالامەتلىك تەكشۈرتمەسلىك قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى، شۇنداقلا قاتناش بىخەتەرلىك ئەسكەرتىش ئۇچۇرلىرىنى ھەيدىگۈچىگە يوللاپ بېرىدۇ . ئۆزىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، ھەيدىگۈچى ئۆز ۋاقتىدا ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك .بۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يوللايدىغان ئەسكەرتمە ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىشقا پايدىلىق . چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ،سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل،شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىلى، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگۈچىلەر بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلمىغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ .


20. ياشانغانلارنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىشىگە قارىتا قانداق تەلەپلەر بار ؟


    جاۋاب : ھەيدىگۈچىنىڭ يېشى 60 ياشتىن ئاشقان بولسا ، چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل ، شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىلى، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ، چوڭ يۈك ماشىنىسى ، تراللىبۇس ۋە ترامۋاي قاتارلىقلارنى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئاپتوموبىل تىپى ھەيدەش كىنىشكىسى بار بولسا ، ھەيدەش كىنىشكىسى تارقاتقان جايدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ، ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشى كېرەك؛ ئالماشتۇرۇلىدىغان ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان ماشىنا تىپى بولسا كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ياكى كىچىك تىپتىكى ئاپتۇماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى بولىدۇ . ھەيدىگۈچىنىڭ يېشى 70 ياشتىن ئاشقان بولسا ، تۆۋەن سۈرئەتلىك ئاپتوموبىل ، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل , ئادەتتىكى ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت ، ئادەتتىكى ئىككى چاقلىق موتسىكلىت ۋە چاقلىق مېخانىكىلىق ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى ھەيدەشكە يول قويۇلمايدۇ . ئادەتتىكى ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت ، ئادەتتىكى ئىككى چاقلىق موتسىكلىت ھەيدەش كىنىشكىسى بولسا ، ھەيدەش كىنىشكىسى تارقاتقان جايدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشى كېرەك؛ئالماشتۇرىدىغان ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپى بولسا، ئەپلىك موتسىكلىتنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى بولىدۇ.

    ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى بولسا ، يېشى 70 ياشتىن ئاشقان قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى ،ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈشى،ناھىيە دەرىجىلىكتىن ياكى قىسىم تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن "سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپات جەدۋېلى" تاپشۇرۇشى لازىم .


21. ھەيدىگۈچىنىڭ بەدەن شارائىتىدا ئۆزگىرىش بولغاندا ،داۋاملىق موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىسە بولامدۇ ؟


    جاۋاب : كېسەللىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەيدىگۈچىنىڭ بەدەن شارائىتىدا ئۆزگىرىش بولغان بولسا، لېكىن باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بولسا ، 30 كۈن ئىچىدە ھەيدەش كىنىشكىسى تارقاتقان جايدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ، ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپىغا تۆۋەنلىتىش ئىلتىماسى قىلىشى كېرەك؛

    ئەگەر بەدەن شارائىتى ( مەسىلەن : پۇت - قول ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىك قاتارلىقلار ) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشكە ماس كەلمەيدىغان بولسا ، 30 كۈن ئىچىدە ھەيدەش كىنىشكىسى تارقاتقان جايدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ھەيدەش كىنىشكىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك .

    ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى ، ئەگەر بەدەن شارائىتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشكە ماس كەلمەي تۇرۇپ، يەنىلا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەن بولسا ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى ، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپىنى تۆۋەنلىتىۋەتسە ياكى ھەيدەش كىنىشكىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرىۋەتسە بولىدۇ.


22. ھەيدەش كىنىشكىسى تۇتۇپ تۇرۇلغان، تۇتۇپ قېلىنغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدە ، تولۇقلاپ بېجىرىشكە ئىلتىماس قىلىشقا بولامدۇ ؟


    جاۋاب : ھەيدەش كىنىشكىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان، تۇتۇپ قېلىنغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرۇلغان بولسا ، ھەيدىگۈچىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ(مەسىلەن: ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەس ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش، ۋەقە سادىر قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كېتىش قاتارلىقلار) ؛ يۇقىرىقى قىلمىشلارنىڭ خاراكتېرى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقىدا ئېنىق قىلىپ:" ھەيدەش كىنىشكىسى قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان، تۇتۇپ قېلىنغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ "دەپ بەلگىلەنگەن.

    ئەگەر موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ھەيدەش كىنىشكىسى قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان، تۇتۇپ قېلىنغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدە، كۆز بويامچىلىق، ئالدامچىلىق قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تولۇقلاپ بېجىرىۋالغانلارغا قارىتا ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ھەيدەش كىنىشكىسىنى يىغىۋالغاندىن سىرت، يەنە ھەيدىگۈچىگە 200 يۈەندىن يۇقىرى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.