9 دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر

9.2 ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىش


1. موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ھەيدىگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانىدا قانداق ئاساسلىق ئۆزگۈرۈشلەر بار؟


    جاۋاپ: ئىمتىھاننىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن مۇستەقىل ئاپتوموبىل ھەيدەپ يولغا چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ، چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگۈچىلىرىنىڭ مۇرەككەپ شارائىتقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ، چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىمتىھان تۈرلىرىگە نىسبەتەن ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەشلەرنى ئېلىپ باردى:

     بىرىنچى تۈر ئىمتىھانى: ئەسلىدىكى ئىمتىھان مەزمۇنىنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ، بىرىنچى قىسىمدا ئاساسلىقى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن نىزاملىرى، قاتناش سىگنال چىرىغى، يول يۈرۈش قائىدىسى قاتارلىق بىلىملەردىن ئىمتىھان ئېلىپ، ئاۋۋالقىدەك بىرىنچى تۈر ئىمتىھانى قىلىندى؛ ئىككىنچى قىسمى بىخەتەر مەدەنىي ھەيدەش ئىمتىھان تۈرى بولۇپ، ئەمەلىي يول ئىمتىھانىدىن كېيىن ئېلىنىدۇ. بىخەتەرلىك مەدەنىي ھەيدەش تەلىپى، مۇرەككەپ شارائىتتىكى بىخەتەر ھەيدەش بىلىملىرى قاتارلىقلاردىن نەزەرىيە ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ.

     ئىككىنچى تۈر ئىمتىھانى: چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى ئىمتىھانىغا، تەقلىدىي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يامغۇرلۇق تۇمانلىق ھاۋارايى، تېيىلغاق يول، جىددىي ئەھۋالنى بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىمتىھان تۈرلىرى قوشۇلغان بولۇپ، ئەسلىدىكى " 10 تۈرنى مەشىق قىلىش، 6 تۈردىن ئىمتىھان ئېلىش " تىن " مەشىق قىلىش، ئىمتىھان بېرىشنىڭ ھەممىسىنى 16 تۈر " بولۇشقا ئۆزگەرتىلدى؛ كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئامباردىن يۆتكەش تەلىپى ھەمدە ئۇدا توسالغۇ، تاق تەرەپلىك كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش قاتارلىق رېئال تۇرمۇشتا ئىشلىتىشچانلىقى كۈچلۈك بولمىغان ئىمتىھان تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەسلىدىكى " 10 تۈرنى مەشىق قىلىش، 4 تۈردىن ئىمتىھان بېرىش " تىن "مەشىق ۋە ئىمتىھاننىڭ ھەممىسى 5 تۈر " بولۇشقا ئۆزگەرتىلدى. يەنى ئاپتوموبىلنى ياندۇرۇپ ئامبارغا ئەكىرىش، داۋاندا بەلگىلەنگەن نۇقتىدا ئاپتوموبىل توختىتىش ۋە قوزغىتىش، يان تەرەپتە ئاپتوموبىل توختىتىش، ئەگرى لىنىيىدە يۈرۈش، تىك بۇلۇڭدا قايرىلىش قاتارلىقلاردۇر.

     ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھانىغا خوتنى يۇقىرىلىتىش، تۆۋەنلىتىش مەشغۇلاتى، يول ئېغىزىدا سولغا بۇرۇلۇش، يول ئېغىزىدا ئوڭغا بۇرۇلۇش قاتارلىق 3 ئىمتىھان تۈرى ۋە بىخەتەر مەدەنىي ھەيدەش ساۋاتلىرى ئىمتىھانى قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلغا نىسبەتەن %20 تىن ئاز بولمىغان كۇرسانتلار تاللاپ ئېلىنىپ ، كېچىلىك ئىمتىھان ئېلىش، تەقلىدىي كېچىدە چىراق نۇرى ئىشلىتىشتىن ئىمتىھان ئېلىشقا ئۆزگەرتىلدى. چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا، تاغ يولى، تونىل، تىك داۋان قاتارلىق مۇرەككەپ يول ئىمتىھانى قوشۇلدى. بۇندىن باشقا يەنە ھەرخىل ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ ئىمتىھان مۇساپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.


2. بىرىنچى تۈر ئىمتىھانىدا ئاساسلىقى قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بار؟


    جاۋاپ: كۇرسانتلار بىرىنچى تۈر ئىمتىھانىغا قاتناشقاندا ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىي مەشغۇلات تەجرىبىسىنى يوق بولۇپ، بىخەتەر، مەدەنىي ھەيدەش قاتارلىق بىلىملەرنى پەقەت ئۆلۈك يادلاشقا تايىنىپ ئۆگىنەتتى ، شۇڭا چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ ئىگىلىشى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشى تەس ئىدى. 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بىرىنچى تۈر ئىمتىھانىدا ئاساسلىقى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن نىزاملىرى، قاتناش سىگنالى، يول يۈرۈش قائىدىسى قاتارلىق ئەڭ ئاساسلىق بىلىملەردىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ..ئەسلىدىكى بىرىنچى تۈر ئىمتىھانىدىكى بىخەتەر مەدەنىي يۈرۈش تەلىپى، مۇرەككەپ شارائىتتىكى بىخەتەر ھەيدەش ماھارىتى، جىددىي ئەھۋال ئاستىدا خەۋپكە دۇچ كەلگەندە بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق بىلىملەر يەككە ھالدا تاللاپ چىقىلىپ، ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھانىدىكى بىخەتەر مەدەنىي ھەيدەش ساۋات بىلىملىرى ئىمتىھان تۈرى قىلىنىپ ،ئەمەلىي يول يۈرۈش ئىمتىھانىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان قىلىندى.

    بىرىنچى تۈر ئىمتىھانى 100 سوئالدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، سوئال تىپلىرى بولسا ھۆكۈم قىلىش سوئالى ۋە تاق تاللاش سوئالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.تولۇق نومۇر 100 نومۇر، 90 نومۇر ئالسا لاياقەتلىك بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى ،ھازىر بار بولغان ئىمتىھان سوئال ئامبىرىغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى، ھەمدە قاتناش ترانسپورت ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ،تەربىيىلەپ ئوقۇتۇش ۋە ئىمتىھان پىلانى ،تەربىيىلەش ۋە تەكشۈرۈش نىشانى قاتارلىق ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ،تەربىيىلەش ئاپپاراتلارنىڭ ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتىشىگە تەمىنلەپ بەردى.


3. چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى ئىككىنچى تۈر ئىمتىھانىدا قايسى خىل ئۆزگۈرۈشلەر بار؟


    جاۋاپ: چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلىرىنىڭ بىخەتەر ھەيدەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇق چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى ئىككىنچى تۈر ئىمتىھان تۈرلىرىگە نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، يۈز مېتىر ئىچىدە خوت يۇقىرىلىتىش ۋە تۆۋەنلىتىش ئىمتىھان تۈرىنى، ئۈچىنچى تۈر ئەمەلىي يول يۈرۈش تېخنىكىسى ئىمتىھانىغا كىرگۈزۈپ ئىمتىھان ئالىدىغان قىلدى. تەقلىدىي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، تاغ يولىدىن ئۇدا جىددىي ئايلىنىش، تونىل، يامغۇرلۇق تۇمانلىق ھاۋارايى، تېيىلغاق يول، جىددىي ئەھۋالدا بىرتەرەپ قىلىش ۋە تار يولدا قايدۇرۇش ئىمتىھان تۈرلىرىنى كۆپەيتتى.

     ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، مەيدان ئىمتىھان تۈرى ئەسلىدىكى " 10 تۈرنى مەشىق قىلىش، 6 تۈردىن ئىمتىھان بېرىش " تىن " مەشىق ۋە ئىمتىھاننىڭ ھەممىسىنى 16 تۈر " بولۇشقا ئۆزگەرتىلدى. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تەقلىدىي تۈر، ئاساسلىقى مۇرەككەپ يول شارائىتى ۋە جىددىي ئەھۋال ئاستىدىكى بىخەتەر ھەيدەش مەشغۇلات تەلىپى قاتارلىقلارنى سىنايدۇ. مەسىلەن: تەقلىدىي تېيىلغاق يولدا، ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېيىلغاق يول بۆلىكىدە سۈرئەت ئاستىلىتىش، تۆۋەن سۈرئەتنى ساقلاپ تەكشى سۈرئەتتە يۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاساسىي مەشغۇلات تېخنىكىسىنى سىناپ، ئوقۇغۇچىلارنى كېيىنكى ئەمەلىي ھەيدەش جەريانىدا ئۇچرىغان مۇشۇ تۈردىكى مۇرەككەپ يول شارائىتىدا ھودۇقماي، مۇۋاپىق بولغان بىخەتەر ھەيدەش تەدبىرلىرىنى قوللىنالايدىغان قىلىدۇ.


4. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ئىككىنچى تۈر ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنىدا قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بار؟


    جاۋاپ: ئەسلىدە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ئىككىنچى تۈر ئىمتىھانىنىڭ مەشىق تۈرى 10 تۈر قىلىپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئامبارغا ئەكىرىش، داۋاندا بەلگىلەنگەن نۇقتىدا توختىتىش ۋە قوزغىتىش، يان تەرەپتە توختىتىش، تاق تەرەپلىك كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش، ئەگرى يولدا ھەيدەش، تىك بۇلۇڭدىن قايرىلىش، چەكلىك سۈرئەتتە كەڭلىك چەكلىمىسى بارئىشىكتىن ئۆتۈش، ئۇدا توسالغۇدىن ئۆتۈش، يۈز مېتىردا خوت يۇقىرىلىتىش ۋە تۆۋەنلىتىش، ئېگىز - پەس يولدا يۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئىمتىھاندىكى 4 تۈر، چوقۇم ئىمتىھان ئېلىنىدىغان تۈر بولۇپ، ئامبارغا ئەكىرىش، داۋاندا بەلگىلەنگەن نۇقتىدا توختىتىش ۋە قوزغىتىش، يان تەرەپتە توختىتىش قاتارلىق 3 تۈر بىلەن خالىغان باشقا 1 تۈر تاللىنىپ ئىمتىھان ئېلىناتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەسلىدىكى كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ئىككىنچى تۈر ئىمتىھانى قىسمەن ئىمتىھان تۈرلىرىنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولماسلىقتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ، ئۇدا توسالغۇدىن ئۆتۈش، تاق تەرەپلىك كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش قاتارلىق رېئال تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىلمەيدىغان ماھارەتلەرنى، كۇرسانتلار كۆپىنچە ئۆلۈك يادلاشقا تايىنىپ ئىمتىھان بېرىدۇ. ئىمتىھاننىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ئىككىنچى تۈر ئىمتىھانىنى ئەلالاشتۇردى:

    بىرىنچى: ئامبارغا ئەكىرىش ئىمتىھانىنىڭ لىنىيىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىلنى ياندۇرۇپ ئامبارغا ئەكىرىشكە ئۆزگەرتىلدى؛ ئىككى ئامبار ئوتتۇرىسىدىكى ئامبارغا يۆتكەش تەلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

    ئىككىنچى: يۈز مېتىردا خوت يۇقىرىلىتىش تۆۋەنلىتىش، ئېگىز - پەس يولدا يۈرۈش قاتارلىق ئىككى تۈر ئەمەلىي يولدا ھەيدەش ئىمتىھانىغا يۆتكەلدى. ئۈچىنچى: چەكلىك سۈرئەتتە كەڭلىك چەكلىمىسى بارئىشىكتىن ئۆتۈش ، ئۇدا توسالغۇدىن ئۆتۈش، تاق تەرەپلىك كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش قاتارلىق 3 تۈر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئىمتىھان تۈرلىرى ئەسلىدىكى " 10 تۈرنى مەشىق قىلىش، 4 تۈردىن ئىمتىھان بېرىش " تىن " مەشىق قىلىش ۋە ئىمتىھان بېرىشنىڭ ھەممىسى 5 تۈر "بولۇشقا ئۆزگەرتىلدى. يەنى ئامبارغا ئەكىرىش، داۋاندا بەلگىلەنگەن نۇقتىدا توختىتىش ۋە قوزغىتىش، يان تەرەپتە توختىتىش، ئەگرى يولدا يۈرۈش ۋە تىك بۇلۇڭلۇق قايرىلىش قاتارلىق 5 تۈردۈر. بۇندىن باشقا، ئىككىنچى تۈر ئىمتىھان مەيدانىدىكى بەلگە سىزىقىنى ھازىرقى بەلگە تاياقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ بەلگە تاياقنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئىمتىھان تېخىمۇ ئەمەلىيەتكە يېقىن قىلىندى.


5 . ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھان مەزمۇنىدا قانداق ئۆزگىرىش بار ؟


    جاۋاب: ئەسلىدىكى ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھانىدا ئاپتوموبىلغا چىقىش تەييارلىقى، قوزغىتىش، تۈز سىزىقلىق يۈرۈش، يول ئۆزگەرتىش، يول ئېغىزىدىن ئۆتۈش ، ئاپتوموبىلنى چەتكە توختىتىش، پىيادىلەر توغرا يولىدىن ئۆتۈش، مەكتەپ ئالدىدىن ئۆتۈش، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدىن ئۆتۈش، ئاپتوموبىل ئۇچرىشىش، يانداپ ئۆتۈپ كېتىش، قايدۇرۇش، كېچىدە يول يۈرۈش قاتارلىق 13 ھەيدەش تۈرى بار ئىدى. 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھانى ئىككى بۆلەككە بۆلۈندى:

    بىرىنچى بۆلەك: يولدا ھەيدەش ئىمتىھانىغا، خوت يۇقىرىلىتىش ۋە تۆۋەنلىتىش مەشغۇلاتى، يول ئېغىزىدا سولغا قايرىلىش، يول ئېغىزىدا ئوڭغا قايرىلىش قاتارلىق 3 ئىمتىھان تۈرى قوشۇلدى. بۇنىڭدىن سىرت، چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلىغا قارىتا، يەنە ئۆلكە دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تاغلىق ، تونىل , تىك داۋان قاتارلىق مۇرەككەپ يول شارائىتىدا ھەيدەشتەك ئەمەلىي ئىمتىھان مەزمۇنىنى قوشۇشى لازىم دەپ بەلگىلەندى؛ كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلغا قارىتا، كەم دېگەندە % 20 بويىچە كېچىلىك ئىمتىھان ئېلىش؛ كېچىلىك ئىمتىھان ئالمىغاندا، تەقلىدىي كېچىدە چىراغ ئىشلىتىشتىن ئىمتىھان ئېلىش قوشۇلدى.

    ئىككىنچى بۆلەك: بىخەتەر ، مەدەنىي ھەيدەش ساۋاتلىرى ئىمتىھانى بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە : بىخەتەر ، مەدەنىي ھەيدەش مەشغۇلاتىغا قويۇلىدىغان تەلەپ،ناچار ھاۋارايى ۋە مۇرەككەپ يول شارائىتىدا بىخەتەر ھەيدەش ، بالون ئېتىلىپ كېتىش قاتارلىق جىددىي ئەھۋالدىكى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار.

    ئىمتىھان جەمئى 50 سوئالدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، تىپىك دېلو مىسالى ، رەسىم، كارتون قاتارلىق شەكىللەرنى ئاساس قىلىنىدۇ ؛سوئال تىپى بولسا ھۆكۈم قىلىش سوئالى ، تاق تاللاش سوئالى ۋە كۆپ تاللاش سوئالى بولۇپ ، تولۇق نومۇر 100 نومۇر ، 90 نومۇر ئالسا لاياقەتلىك بولىدۇ .


6 . ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھانىسىنىڭ يولدا ھەيدەش ئىمتىھانىدىكى مۇساپىگە نىسبەتەن قانداق تەلەپلەر بار ؟


    جاۋاب : ھەيدىگۈچىنىڭ ھەيدەش ماھارىتىنىڭ لاياقەتلىك بولغان - بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ،بەلگىلىك ئىمتىھان ئارىلىقى بولۇشى كېرەك؛كۆپ سانلىق دۆلەتلەردە ھەيدىگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىشتا بەلگىلىك ئىمتىھان كۆرسەتكۈچى بار. مەسىلەن : ئەنگلىيىدە "ئەمەلىي يول ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى 45 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك" دەپ بەلگىلەنگەن ؛ كانادادا " ئەمەلىي يول ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى 40 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى ، تەخمىنىي مۇساپە 5دىن 10 كىلومېتر ئارىلىقىدا بولۇشى كېرەك "دەپ بەلگىلەنگەن.

     139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتا ئەمەلىي يولدا ھەيدەش ئىمتىھان مۇساپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.يەنى" چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ئىمتىھان مۇساپىسى 20 كىلومېتىردىن كەم بولماسلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە كۈندۈزدىكى ئىمتىھان مۇساپىسى ئاز دېگەندە 10 كىلومېتىردىن كەم بولماسلىقى ، كېچىلىك ئىمتىھان مۇساپىسى 5 كىلومېتىردىن كەم بولماسلىقى كېرەك" دەپ بەلگىلەندى؛

    "سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل , شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىلى , چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىمتىھان مۇساپىسى 10 كىلومېتىردىن كەم بولماسلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە كۈندۈزدىكى ئىمتىھان مۇساپىسى ئاز دېگەندە 5 كىلومېتىردىن كەم بولماسلىقى ، كېچىلىك ئىمتىھان مۇساپىسى 3 كىلومېتىردىن كەم بولماسلىقى كېرەك "دەپ بەلگىلەندى؛

    "كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل، تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىلى، مېيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئىمتىھان مۇساپىسى 3 كىلومېتىردىن كەم بولماسلىقى كېرەك" دەپ بەلگىلەندى.


7 . ئۆگىنىش كىنىشكىسىنىڭ مۇددىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بار ؟


    جاۋاب : كۇرسانتلار بىرىنچى تۈردىكى ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ، قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى كۇرسانتلارغا ئۆگىنىش كىنىشكىسىنى بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ ئىسپاتقا ئاساسەن ئىككىنچى تۈر، ئۈچىنچى تۈر مەشىقى ۋە ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ .

    بۇرۇنقى بەلگىلىمىدە، شوپۇرلۇق ماھارەت ئىمتىھان كىنىشكىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى ئىككى يىل ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەرلىك ۋاقىتتا تەربىيىلىنىش ۋە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى ئۈچۈن ، 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتا ،ئۆگىنىش كىنىشكىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۈچ يىلغا ئۇزارتىلدى. 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، خەلققە قولايلىق يارىتىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ، 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇرۇن ئېلىپ بولغان ماھارەت كىنىشكىسى ، 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن كېيىنمۇ يەنىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئىناۋەتلىك مۇددىتى 2 يىلدىن 3 يىلغا ئۆزگەرتىلىدۇ .


8. ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىش قېتىم سانىغا قارىتا قانداق يېڭى بەلگىلىمىلەر بار ؟


    جاۋاب : شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ تەربىيىلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ، ئىمتىھان بايلىقىنى مۇۋاپىق پايدىلىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ، « ئىمتىھان ئېلىشنى، مەشىق قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش » ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتا مۇنداق بەلگىلەندى :

     بىرىنچى ، ئۈچ ئىمتىھان تۈرى تەرتىپ بويىچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالدىن كېلىشىلىدۇ. ھەربىر ئالدىن كېلىشىشتىن كېيىن ، بىر قېتىم ئىمتىھان ئېلىنىدۇ ، ھەربىر قېتىملىق ئىمتىھاندا بىر قېتىم قايتىدىن ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ. قايتا ئىمتىھانىغا قاتناشماي ياكى تولۇقلىما ئىمتىھاندا يەنىلا لاياقەتسىز بولسا ، قايتىدىن ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بېرىش كېرەك .

    ئىككىنچى ، ئۆگىنىش كىنىشكىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە ، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھانىنىڭ ئالدىن كېلىشىش قېتىم سانى ھەربىرىنىڭ بەش قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. بەشىنچى قېتىملىق ئىمتىھاندا يەنىلا لاياقەتسىز بولسا ، ئىمتىھان بېرىپ لاياقەتلىك بولغان باشقا تۈرلەردىكى ئىمتىھان نەتىجىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ . كۇرسانت قايتىدىن بىرىنچى تۈر ئىمتىھانىدىن باشلاپ ئىمتىھان بېرىدۇ .

     ئۈچىنچى ، بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى تۈردىكى بىخەتەر ، مەدەنىي ھەيدەش ساۋاتلىرى ئىمتىھانىنىڭ ئالدىن كېلىشىش قېتىم سانىنىڭ چەكلىمىسى يوق . ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھانى بىخەتەرلىك مەدەنىي ھەيدەش ساۋاتلىرى ئىمتىھانىدا لاياقەتسىز بولسا، بىۋاستە تولۇقلىما ئىمتىھان بېرىشكە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئىلگىرىكى يولدا ھەيدەش ماھارەت ئىمتىھانىدىكى لاياقەتلىك بولغان نەتىجىسى ئىناۋەتلىك بولىۋېرىدۇ.


9. 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بەرگەن قېتىم سانى ھېسابلىنامدۇ يوق ؟


    جاۋاب : 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بېرىش قېتىم سانى ،چەكلىمە قېتىم سانىغا ھېسابلانمايدۇ. 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ،ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بېرىش قېتىم سانى ھېسابلىنىدۇ.ئۆگىنىش كىنىشكىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە، ئىككىنچى تۈر ۋە ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھانىنىڭ ھەرقايسىسىدا بەش قېتىمدىن ئىمتىھان بېرىش پۇرسىتى بار بولىدۇ.


10 .كۇرسانتلارنىڭ ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بېرىش شەكلىدە قانداق ئۆزگىرىش بار ؟


    جاۋاب : موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئۈچ تۈر ئىمتىھانىغا ئايرىلىدۇ ، ھەر بىر تۈر ئىمتىھانىدىن بۇرۇن ئالدىن كېلىشىپ قويۇش لازىم . 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتا، ئىلتىماس قىلغۇچى تور ، تېلېفون قاتارلىقلارنىڭ ياردىمىدە ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بەرسە بولىدىغان ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىش شەكلى قوشۇلدى.كۇرسانتلار ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بېرىش ۋاقتىنى بېكىتسە بولىدۇ . قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ئۆچىرەت تۇرۇپ بېجىرمىسىمۇ بولىدۇ.

     ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى بولسا ، ئىلتىماس قىلغۇچى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالدىن كېلىشىپ قويغان ئىمتىھانغا كېلەلمىسە ،ئەڭ كىچىككەندە، بىر كۈن بۇرۇن ئالدىن كېلىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدۇ. ئالدىن بەلگىلىمە بويىچە كېلىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغانلار ئىمتىھانغا قاتناشمىغان دەپ قارىلىپ، ئىمتىھاندا لاياقەتسىز قىلىنىدۇ.


11. 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن تىزىملاتقان، لېكىن ئىمتىھانىنى تاماملىمىغان كۇرسانتلار قانداق ئۆلچەمگە ئاساسەن ئىمتىھان بېرىدۇ؟


    جاۋاپ: 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن لاياقەتلىك بولغان ئىمتىھان نەتىجىسى ( ئامبارغا ئەكىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) يەنىلا ئىناۋەتلىك بولىدۇ. 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، بىرىنچى تۈر، ئىككىنچى تۈر، ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھانلىرىنىڭ ھەممىسىدىن يېڭى ئىمتىھان مەزمۇنى ۋە ئۆلچىمىگە ئاساسەن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇرۇن ئىككىنچى تۈر ئامبارغا ئەكىرىش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئىككىنچى تۈر ئىمتىھانىنىڭ باشقا تۈرلەردىكى ئىمتىھاننى تاماملىمىغان بولسا، 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن كېيىن داۋاملىق ئىككىنچى تۈر ئىمتىھانىغا قاتناشقان ۋاقتىدا، ئامبارغا ئەكىرىش ياكى ياندۇرۇپ ئامبارغا ئەكىرىش ئىمتىھانىغا قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ.


12. ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ، قايسى ۋاقىتتا ھەيدەش كىنىشكىسى قولغا تېگىدۇ؟


    جاۋاب : ئىلتىماس قىلغۇچى 3 - تۈر ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ، ئىلتىماس قىلغۇچىغا قارىتا يېرىم سائەتتىن كەم بولمىغان قاتناش بىخەتەرلىك ، مەدەنىي ھەيدەش ساۋاتلىرى ۋە قاتناش ھادىسىسى دېلولىرىدىن ئىبرەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەمدە ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ؛ قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ئىلتىماس قىلغۇچى قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان كۈنى ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى بەرسە بولىدۇ . بىخەتەر مەدەنىي ھەيدەش تەربىيىسى، قاتناش ھادىسىلىرى دېلولىرىدىن ئىبرەت تەربىيىسى ۋە قەسەم بېرىش ھالقىلىرىنى قوشۇش بولسا، يېڭى ھەيدىگۈچىلەرگە مەدەنىي يول بېرىش، بىخەتەرلىك قانۇنىغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرگۈزۈش ئۈچۈندۇر.


13. ئىمتىھان ئېلىش مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتتە قانداق قاتتىق بەلگىلىمە بار ؟


    جاۋاب :يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ، خەلق ساقچىلىرى تەلىم تەربىيىسى، ئەمەلىي پەن - تېخنىكا باھالاش نازارەت قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىچكى - تاشقى نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ، ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈردى . لېكىن، بەزى ئىمتىھانلار يەنىلا قېلىپلاشماسلىق ، ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ . قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئىمتىھان ئېلىش، كىنىشكا تارقىتىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ، 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتا ئىمتىھان خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئىمتىھان ئېلىش خىزمەت ئىنتىزامى بەلگىلىمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

     بىرىنچى: ئىمتىھان خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ ، ئىمتىھان ئىقتىدارى، ئىمتىھان سۈپىتىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى قاتارلىق ئىجتىمائىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

     ئىككىنچى: ئىمتىھان خادىملىرى خىزمەت ئىنتىزامى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى . ئىمتىھان خادىملىرى ،موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش ئىجازەت شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ، ئىمتىھانغا قاتناشمىغان ياكى ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولغانلارغا ھەيدەش كىنىشكىسى تارقاتقان بولسا ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش تۈرلىرىنى ئازايتقان بولسا، باھالاش ئۆلچىمى تۆۋەنلەتكەن بولسا ياكى ساختىپەزلىك قىلىشقا قاتناشقان ، ھەمكارلاشقان، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ ، تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىدىن ، مەشقاۋۇل ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن پۇل - مال ئالغان بولسا ، مۇناسىپ چارە كۆرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ دەپ بەلگىلەندى .

    ئۈچىنچى:ئىمتىھان مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇلدى. ئۈچ يىلدىن تۆۋەن ئاپتوموبىل ھەيدەش تارىخى بارلار قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ ئۆلۈم - يېتىم پەيدا قىلىپ، ئاساسلىق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولسا، قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ئىمتىھان كىنىشكا تارقىتىش ئەھۋالىنىڭ مەسئۇلىيىتى تەكشۈرۈلىدۇ . قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ھەيدەش كىنىشكىسى كەسپىنى بېجىرىش جەريانىدا ،قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ئەھۋال مەۋجۇت بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار شۇ ئورۇننىڭ كەسىپ بېجىرىشىنى توختاتسا ياكى خادىم ئەۋەتىپ كەسىپ بېجىرىشنى ئۆتكۈزىۋالسا بولىدۇ.


14 . شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ تەربىيىلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشتا قانداق قاتتىق بەلگىلىمىلەر بار ؟


    جاۋاب : شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ تەربىيىلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 139 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتا ،قوبۇل قىلىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچى سانىنى بېكىتىش ، ئىمتىھان سۈپىتىنى ئاشكارىلاش، شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ رەت تەرتىپى، شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى :

     بىرىنچى ،قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى، شوپۇرلۇق تەربىيىلەش ئاپپاراتىنىڭ مەشقاۋۇللىرى ، مەشىق ئاپتوموبىلى , مەشىق مەيدانى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئەنگە ئېلىپ ، ھەمدە قوبۇل قىلىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچى سانىنى بېكىتىپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى لازىم.

    ئىككىنچى ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ھەر ئايدا ،تەۋەلىكىدىكى شوپۇرلۇق تەربىيىلەش ئاپپاراتىنىڭ ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى، ئۈچ يىل سىتاژغا ئىگە ھەيدىگۈچىلەرنىڭ قاتناش قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش نىسبىتى ۋە قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش نىسبىتى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى بويىچە شوپۇرلۇق تەربىيىلەش ئاپپاراتىنىڭ تەربىيىلەش سۈپىتىنى ئاشكارا رەتكە تۇرغۇزۇشى ، ھەمدە ئاساسلىق باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك .

     ئۈچىنچىدىن ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى شوپۇر تەربىيىلەش ئاپپاراتى ۋە ئۇلارنىڭ مەشقاۋۇللىرىدا ،تەربىيىلەش ۋاقتىنى قىسقارتىش ، تەربىيىلەش تۈرلىرىنى ئازايتىش ۋە ئىمتىھان ئالغۇچىلارغا پارا بېرىش ، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك قىلىشقا ھۆددە قىلىش قاتارلىق ناملار بىلەن كۇرسانتلاردىن مال - مۈلۈك ئېلىپ، قائىدىگە خىلاپ ھالدا ھەيدەش كىنىشكىسى بېجىرگەن ياكى ئىمتىھاندا كۆز بويامچىلىق قىلغان ئەھۋاللىرىنى سادىر قىلغان قىلمىشلىرىنى بايقىسا، ئاساسلىق باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ .