9 دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر

9.1 ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلىش


1. ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يېشىغا قارىتا قانداق كونكرېت تەلەپلەر قويۇلىدۇ؟


    جاۋاپ: ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ياش چەكلىمىسى: كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل(C1)، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل(C2)، مېيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچى ئاپتوموبىلى(C5)، چاقلىق مېخانىكىلىق ئاپتوموبىل(M)، تۆۋەن سۈرئەتلىك ئاپتوموبىل(C3)، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل(C4)، موتسىكىلىت (E, D, F)قاتارلىقلارنىڭ 18 ياش؛ شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى(A3)، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى(B2)، تراللىبۇس(P) قاتارلىقلارنىڭ 20 ياش؛ ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى (B1) نىڭ 21 ياش، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل (A2) نىڭ 24 ياش، چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى (A1) نىڭ 26 ياش.

    ئەڭ يۇقىرى ياش چەكلىمىسى: كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل(C1)، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل(C2)، مېيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچى ئاپتوموبىلى(C5)، ئەپلىك موتسىكلىتنىڭ(F) 70 ياش؛ تۆۋەن سۈرئەتلىك ئاپتوموبىل(C3)، ئادەتتىكى موتسىكىلىت (E, D)، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل(C3)، چاقلىق مېخانىكىلىق ئاپتوموبىل(M) قاتارلىقلارنىڭ 60 ياش؛ ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى (B1) ، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى(B2)، چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى (A1)، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل (A2)، شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى(A3) ۋە تراللىبۇس(P) قاتارلىقلارنىڭ 50 ياش.


2. ئىلتىماس قىلغۇچىدا زەھەر چەككەن ياكى زەھەرلىك بۇيۇمنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغانلىقتەك قىلمىشلار بولسا، ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولامدۇ؟


    جاۋاپ: ئۈچ يىل ئىچىدە زەھەر چەككەنلىك خاتىرىسى بارلار، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئۇسۇلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ئۈچ يىل توشمىغانلار ياكى ئۇزۇن مۇددەت بېقىنىش خاراكتېرلىك روھىي كېسەللىك دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىپ خۇمار بولۇپ قېلىپ تاشلىمىغانلار، ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ زەھەر چەككەنلىك خاتىرىسىنى ۋە سەھىيە ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن "سالامەتلىك ئەھۋالى ئىسپاتى "نى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. تەكشۈرۈش جەريانىدا،ئۈچ يىل ئىچىدە زەھەر چەككەنلىك خاتىرىسى بار بولغان ،شۇنداقلا مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئۇسۇلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ئۈچ يىل توشمىغانلىقتەك ئەھۋاللارنى بايقىسا ،ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلتىماس قىلغۇچى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغاندا، يۇقىرىقى ئىلتىماس قىلىشقا يول قويۇلمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ بار يوقلۇقىنى ئەينەن مەلۇم قىلىشى، شۇنداقلا مەلۇم قىلغان مەزمۇنىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا مەسئۇل بولۇشى لازىم.


3. قايسى خىل قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قارىتا ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش ئۆمۈرلۈك چەكلىنىدۇ؟


     جاۋاپ: بىرىنچى: قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا؛ ئىككىنچى: ھاراق ئىچىپ ياكى مەس ھالدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەپ زور قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا.

     يۇقىرىقى ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسى قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلار بولۇپ، جامائەت بىخەتەرلىكىگە بولغان زىيىنى زور، شۇنداقلا ئۆلۈم يىتىم ياكى مال - مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۆمۈر بويى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.


4. ھاراق ئىچىپ ياكى مەس ھالەتتە موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ، ھەيدەش كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز قىلىنغاندا، قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشقا بولامدۇ يوق؟


     جاۋاپ: ھاراق ئىچىپ تىجارەت خاراكتېرىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ ياكى مەس ھالەتتە موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ، ھەيدەش كىنىشكىسى قانۇن بويىچە ئىناۋەتسىز قىلىنغانلار، 5 يىل ئىچىدە قايتىدىن ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشقا بولمايدۇ؛ مەس ھالەتتە تىجارەت خاراكتېرىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ ، ھەيدەش كىنىشكىسى قانۇن بويىچە ئىناۋەتسىز قىلىنغانلار ، 10 يىل ئىچىدە قايتىدىن ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشقا بولمايدۇ. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، ھاراق ئىچىپ ياكى مەس ھالەتتە موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ ئېغىر قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، ئۆمۈر بويى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.


5. چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا قارىتا قانداق چەكلىمە شەرتلەر بار؟


    جاۋاپ: چوڭ تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ۋە چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىگە  ھەيدىگۈچىلەرنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى ئېغىر، شۇڭلاشقا تېخىمۇ قاتتىق بولغان چەكلىمە شەرتلەر بېكىتىلگەن. بىرىنچى : ئۆلۈم - يېتىم پەيدا قىلغان قاتناش ھادىسىسىدە تەڭدىن يوقىرى مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان ياكى مەس ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش خاتىرىسى بولسا، ئۆمۈر بويى چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ؛

     ئىككىنچى : ھەيدەش كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز قىلىنغان ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلار، 10 يىل ئىچىدە چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ؛

    ئۈچىنچى : خاتىرىلەنگەن نومۇرى 12 نومۇرغا توشقانلىق خاتىرىسى بارلار، 5 يىل ئىچىدە چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ، 3 يىل ئىچىدە سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ. ھەيدەش كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ئەھۋاللىرى :مەس ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش، بەلگىلەنگەن چەكلىمە سۈرئەتتىن %50 ئاشۇرۇپ يول يۈرۈش، قۇراشتۇرۇلغان ياكى براك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى يولدا ھەيدەش، ئالدامچىلىق،كۆز بويامچىلىق، پارا بېرىشتەك ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىۋېلىش قاتارلىق، قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ،سوبيېكتىپ جەھەتتىن قەستەن قىلىنغان قىلمىشقا تەۋە دەپ قارىلىپ،ئىلتىماس قىلغۇچى قايتىدىن ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلغاندا ،بولۇپمۇ چوڭ - ئوتتۇرا تىپلىق يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتا تېخىمۇ قاتتىق بولغان چەكلەش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ.


6. تۇنجى قېتىم ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلغاندا، قايسى خىل ئاپتوموبىل تىپلىرىغا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ؟


    جاۋاپ: ئىلتىماس قىلغۇچى تۇنجى قېتىم ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغاندا، شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل ، تۆۋەن سۈرئەتلىك ئاپتوموبىل، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، مېيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچى ئاپتوموبىلى، موتسىكىلىت، چاقلىق مېخانىكىلىق ئاپتوموبىل، تراللىبۇس قاتارلىقلارنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.    ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدىغانلىرى بولسا،چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك ئىش: ھەيدەش كىنىشكىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن، ئىناۋەتسىز قىلىنغان ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن، قايتىدىن ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغاندا ،تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلغان دەپ قارىلىپ، پەقەت شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل ، تۆۋەن سۈرئەتلىك ئاپتوموبىل، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، مېيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچى ئاپتوموبىلى، موتسىكىلىت، چاقلىق مېخانىكىلىق ئاپتوموبىل، تراللىبۇس قاتارلىقلارنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىگىلا ئىلتىماس قىلالايدۇ.


7. ھەربىي قىسىم، قوراللىق ساقچى ھەيدەش كىنىشكىسىنى يەرلىكنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىگە قانداق ئالماشتۇرىمىز؟


    جاۋاپ: ھەربىي قىسىم، قوراللىق ساقچى ھەيدەش كىنىشكىسىنى يەرلىكنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، ناھىيە دەرىجىلىك ياكى قىسىم تۇەنىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن "سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپات جەدۋېلى"، ھەربىي قىسىم ياكى قوراللىق ساقچى قىسىم ھەيدەش كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلغاندا، بىرىنچى تۈر ۋە ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ؛ كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئاپتوموبىل تۈرلىرىگە ئىلتىماس قىلغاندا، ئىمتىھان ئېلىنماي،بىۋاستە يەرلىكنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

     ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى ۋە ھەربىي قىسىم ، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ھەربىي قىسىم ، قوراللىق ساقچى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىگە كىشىلەر، يەرلىكنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەشكە بولمايدۇ. ھەربىي قىسىم ، قوراللىق ساقچى قىسىم ھەيدەش كىنىشكىسىنى يەرلىكنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرماقچى بولغاندا، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېرەك بولسا، قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە ئىمتىھاننى تاماملىشى كېرەك.


8. چېگرا سىرتىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى دۆلىتىمىز ھەيدەش كىنىشكىسىگە قانداق ئالماشتۇرىمىز؟


    جاۋاپ: چېگرا سىرتىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىگە كىشىلەر ، ھەيدەش كىنىشكىسىنى دۆلىتىمىز ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرماقچى بولغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن "سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپات جەدۋېلى"، ئۆزىدە بار بولغان چېگرا سىرتىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇشى لازىم. چېگرا سىرتى ھەيدەش كىنىشكىسىدە خەنزۇچە بايان بولمىسا، يەنە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان تەرجىمە تېكىستىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، چوڭ تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، سۆرەش ئاپتوموبىلى، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ئاپتوبۇسى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلغاندا، بىرىنچى تۈر ۋە ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ؛ كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئاپتوموبىل تۈرلىرىگە ئىلتىماس قىلغاندا، بىرىنچى تۈر ئىمتىھانىلا ئېلىنىدۇ.

    ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، چېگرا سىرتىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى ،چوقۇم يەككە ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى(ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەتلەر تارقاتقان بولۇشى )، شۇنداقلا ۋاقىتلىق بولمىغان ئىناۋەتلىك ھەيدەش كىنىشكىسى بولۇشى لازىم. ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئېشىپ كەتكەن، ۋاقىتلىق ھەيدەش كىنىشكىسى ياكى ھەيدەش چەكلىمە شەرتى يېزىلغان قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولسا، ئالماشتۇرۇپ ئېلىشقا بولمايدۇ. چەتئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا خادىملىرى شۇنداقلا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىل ئاپپاراتلارنىڭ خادىملىرى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلغاندا، "دىپلوماتىيەدە باراۋەر بولۇش پرىنسىپى"غا ئاساسەن بېجىرىلىدۇ. چېگرا سىرتىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىگە كىشىلەر ھەيدەش كىنىشكىسىنى دۆلىتىمىز ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرماقچى بولغاندا، ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكلىرى چوقۇم قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە ئىمتىھاننى تاماملىشى لازىم.