3.3.1 ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىپ تىزگىنلەشكە ئائىت كەسىپلەرنى بېجىرىش

    مۇلازىمەت سۇپىمىزغا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن، << قاتناش قانۇنىغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش >> 【违法处理业务】 دىگەن جاينى بېسىپ، << ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىپ تىزگىنلەشكە ئائىت كەسىپلەرنى بېجىرىش >> 【电子监控处理】 دىگەن جايغا كىرىڭ.



    بىرىنچى قەدەم : بۇ باسقۇچتا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىڭىزنىڭ نومۇرىنى بەلگىلەنگەن جايغا كىرگۈزۈپ، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ ئۇچۇرلىرىنىڭ بارلىغىنى تەكشۈرۈڭ، ناۋادا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىڭىزنى ئەزا نامىڭىزغا باغلىمىغان بولسىڭىز،<< جەزىملەشتۈرۈش >> 【确定】كونوپكىسىنى بېسىپ ئەزا نامىڭىزغا باغلىۋالسىڭىز بولىدۇ.



    ئىككىنچى قەدەم : " ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىپ تىزگىنلەشكە ئائىت كەسىپلەرنى بېجىرىش " كە ئائىت بىلدۈرگىنى ئوقىغاندىن كېيىن، << ئوقۇدۇم، قوشۇلىمەن >> 【阅读并同意】دىگەن خەتنىڭ ئالدىغا بەلگە قويۇڭ ۋە << كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    ئۈچۈنچى قەدەم : ئۆزىڭىزنىڭ نامىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىڭىزنىڭ توردا بېجىرگىلى بولىدىغان قاتناش قانۇنىغا خىلاپ ئۇچۇرىنى تاللاڭ.



    تۆتىنچى قەدەم : بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلسىڭىز، << بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلىمەن >> 【我愿意接受处罚】دىگەن خەتنىڭ ئالدىغا بەلگە قويۇڭ ۋە ئۇچۇرلارنىڭ توغرا خاتالىقىنى تەكشۈرىۋېتىپ، تېلىفۇنىڭىز تاپشۇرىۋالغان دەلىللەش ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈپ،<< كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    بەشىنچى قەدەم : بۇ باسقۇچتا، جەرىمانىنى توردىن تاپشۇرىۋەتسىڭىزلا بېجىرىش تاماملىنىدۇ.