3.2.7 سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋېلىنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش

    مۇلازىمەت سۇپىمىزغا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن، << ھەيدەش كىنىشكا كەسپى >> 【驾驶证业务】 دىگەن جاينى بېسىپ، << سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋېلىنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش >>

【延期提交身体条件证明】 دىگەن جايغا كىرىڭ.



    بىرىنچى قەدەم : "سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋېلىنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش" كە ئائىت بىلدۈرگىنى ئوقىغاندىن كېيىن، << ئوقۇدۇم، قوشۇلىمەن >> 【阅读并同意】دىگەن خەتنىڭ ئالدىغا بەلگە قويۇڭ ۋە

<< كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    ئىككىنچى قەدەم : مەجبۇرىيەت توغرىلىق ئەسكەرتمىنى ئوقىغاندىن كېيىن، ئەسكەرتمىدە بايان قىلىنغان ئەھۋاللار بولمىسا، << يوقىرىقى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ چىقتىم، مەندە بۇنداق ئەھۋاللار يوق>>

 【上述内容本人已认真阅读,本人不具有所列的不准申请的情形】دىگەن خەتنىڭ ئالدىغا بەلگە قويۇڭ ۋە << كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    ئۈچۈنچى قەدەم : ئۆزىڭىزنىڭ نامىدىكى ھەيدەش كىنىشكىسى ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. خاتالىق بولمىسا << كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】 كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    تۆتىنچى قەدەم : بۇ باسقۇچتا سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋېلىنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ سەۋەبىنى تاللاپ، مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتىرىياللارنىڭ سۆرىتىنىڭ ئىلىكتۇرۇنلۇق نۇسخىسىنى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سىستېمىغا يوللاڭ.يوللانغان ماتىرىياللار ئۆلچەمدىكى تەلەپ بۇيىچە يوللىنىشى كېرەك .بولمىغاندا، ئىلتىماس قۇبۇل قىلىنمايدۇ.يوقارقىلارنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كىيىن، << كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】 كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    سىستىمىغا يوللاپ بولغاندىن كىيىن، خاتالىق بار يوقلىغىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، ناۋادا خاتالىق بولسا قايتىدىن يوللاڭ.



    بەشىنچى قەدەم : بۇ باسقۇچتا، يانفونىڭىز تاپشۇرىۋالغان دەلىللەش كودىنى كىرگۈزۈپ، كەسىپ بېجىرىشنى تاماملاڭ.



    كەسىپ بېجىرىشنى تاماملىغاندىن كىيىن، رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جايدىن ، كەسىپنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى ئېگەللىگىلى بولىدۇ.