3.2.3 ھەيدەش كىنىشكىسى بۇزۇلۇپ ( يىرتىلىپ ) كەتكەنلىكتىن ئالماشتۇرۇش

    مۇلازىمەت سۇپىمىزغا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن،<< ھەيدەش كىنىشكا كەسپى >> 【驾驶证业务】 دىگەن جاينى بېسىپ، << ھەيدەش كىنىشكىسى بۇزۇلۇپ ( يىرتىلىپ ) كەتكەنلىكتىن ئالماشتۇرۇش >>

【损毁换证】 دىگەن جايغا كىرىڭ.



    بىرىنچى قەدەم : " ھەيدەش كىنىشكىسى بۇزۇلۇپ ( يىرتىلىپ ) كەتكەنلىكتىن ئالماشتۇرۇش " قا ئائىت بىلدۈرگىنى ئوقىغاندىن كېيىن، << ئوقۇدۇم، قوشۇلىمەن >> 【阅读并同意】دىگەن خەتنىڭ ئالدىغا بەلگە قويىمىز ۋە << كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    ئىككىنچى قەدەم : مەجبۇرىيەت توغرىلىق ئەسكەرتمىنى ئوقىغاندىن كېيىن، ئەسكەرتمىدە بايان قىلىنغان ئەھۋاللار بولمىسا، << يوقىرىقى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ چىقتىم، مەندە بۇنداق ئەھۋاللار يوق >>

【上述内容本人已认真阅读,本人不具有所列的不准申请的情形】دىگەن خەتنىڭ ئالدىغا بەلگە قويۇڭ ۋە << كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】كونوپكىسىنى بېسىڭ



    ئۈچۈنچى قەدەم : ئۆزىڭىزنىڭ نامىدىكى ھەيدەش كىنىشكىسى ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. خاتالىق بولمىسا << كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】 كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    تۆتىنچى قەدەم : بۇ باسقۇچتا، پوچتا ئارقىلىق ئېلىشنى ياكى ئۆزىڭىز بېرىپ ئېلىۋېلىشنى تاللاڭ. كەسىپ بېجىرىلىپ بولغاندىن كىيىن، پوچتا ئارقىلىق ئېلىشنى تاللىسىڭىز، پوچتىكەش سىزگە ھەيدەش كىنىشكىسى ۋە پۇل تاپشۇرغانلىق تالونىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ناۋادا ئۆزىڭىز ئېلىۋېلىشنى تاللىسىڭىز، ئالدىن كېلىشىپ قويغان جايغا بېرىپ ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللاپ بولغاندىن كېيىن، << كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】 كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    ناۋادا پوچتا ئارقىلىق ئېلىشنى تاللىغان بولسىڭىز، ئادرېس ۋە باشقا ئۇچۇرلارنىڭ توغرا خاتالىغىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتىپ << ساقلىۋېلىش >> 【保存】 كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    ناۋادا كۆزنەككە بېرىپ ئۆزىڭىز ئېلىۋېلىش ئۇسۇلىنى تاللىغان بولسىڭىز، قەيەردىن ئېلىۋالىدىغانلىقىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىپ، << كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】 كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    بەشىنچى قەدەم : بۇ باسقۇچتا، يانفونىڭىز تاپشۇرىۋالغان دەلىللەش كودىنى كىرگۈزۈپ، كەسىپ بېجىرىشنى تاماملاڭ.



    كەسىپ بېجىرىشنى تاماملىغاندىن كىيىن، رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جايدىن ، كەسىپنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى ئېگەللىگىلى بولىدۇ.