3.1.6 موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىش

    مۇلازىمەت سۇپىمىزغا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن، << موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى كەسپى >>

 【机动车业务】 دىگەن جاينى بېسىپ، << موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىش >> 【变更联系方式】 دىگەن جايغا كىرىڭ.



    بىرىنچى قەدەم : " موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىش" كە ئائىت بىلدۈرگىنى ئوقىغاندىن كېيىن، << ئوقۇدۇم، قوشۇلىمەن >> 【阅读并同意】دىگەن خەتنىڭ ئالدىغا بەلگە قويۇڭ ۋە << كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    ئىككىنچى قەدەم : بۇ باسقۇچتا،ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئاپتوموبىلنىڭ ئۇچۇرلىرى كۆزنەكتە چىقىدۇ. ئاپتوموبىل نومۇرى توغرا بولسا << ئۇچۇر ئۆزگەرتىش >>【修改信息】 دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىڭ.



    ئاندىن ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىمىز. ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان ئۇچۇرلار بولسا، يانفۇن نومۇرى، ئىلخەت ساندۇقى، پوچتا نومۇرى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى قاتارلىقلاردۇر. ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتىپ << تاپشۇرۇش >> 【提交修改】 دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىڭ. مەشغۇلاتتا خاتالىق بولمىسا مۇقۇملانغانلىق ئۇچۇر كۆزنىكى چىقىدۇ. خاتالىق بولسا مۇناسىپ ئۇچۇر ئەسكەرتمە ئۇچۇر كۆزنىكى چىقىدۇ.



    ئەسكەرتىش :

     بۇ يەردە ئۆزگەرتمەكچى بولغان تېلېفۇن نومۇرى، بۇ توربەتكە تىزىملاتقاندا كىرگۈزگەن تېلېفۇن نومۇرى بولماستىن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رويخەتكە (نوپۇسقا) ئالدۇرغاندا تەمىنلىگەن ئالاقىلىشىش نومۇرى بولۇپ، بۇندىن كىيىنكى قاتناش ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.