3.1.5 موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يىللىق تەكشۈرتۈشكە ئالدىن كېلىشىش

    مۇلازىمەت سۇپىمىزغا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن، << موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى كەسپى >>

【机动车业务】 دىگەن جاينى بېسىپ، << موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يىللىق تەكشۈرتۈشكە ئالدىن كېلىشىش >> 【机动车检验预约】 دىگەن جايغا كىرىڭ.



    بىرىنچى قەدەم : " موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يىللىق تەكشۈرتۈشكە ئالدىن كېلىشىش " كە ئائىت بىلدۈرگىنى ئوقىغاندىن كېيىن، << ئوقۇدۇم، قوشۇلىمەن >> 【阅读并同意】دىگەن خەتنىڭ ئالدىغا بەلگە قويۇڭ ۋە << كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    ئىككىنچى قەدەم : بۇ باسقۇچتا، ئۆزىڭىزنىڭ نامىدىكى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار تاللىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارتاللىنىپ بولغاندىن كىيىن، << كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】 كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    ئۈچۈنچى قەدەم : بۇ باسقۇچتا، سېستىمىدا كۆرسەتكەن ۋاقىتلار ئىچىدىن بىرنى تاللاپ، << كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】 كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    تۆتىنچى قەدەم : بۇ باسقۇچتا، سېستىما كۆرسەتكەن ئۆزىڭىزگە قولايلىق جايدىكى ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىدىن بىرنى تاللاپ، << كىيىنكى قەدەم >> 【下一步】 كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    بەشىنچى قەدەم : بۇ باسقۇچتا، سېستىما كۆرسەتكەن ئۆزىڭىزگە قولايلىق جايدىكى ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ بوش ۋاقتىدىن بىرنى تاللاپ، <<كىيىنكى قەدەم>> 【下一步】 كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    ئالتىنچى قەدەم : بۇ باسقۇچتا، يانفونىڭىز تاپشۇرىۋالغان دەلىللەش كودىنى كىرگۈزۈپ، كەسىپ بېجىرىشنى تاماملاڭ.



    كەسىپ بېجىرىشنى تاماملىغاندىن كىيىن، رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جايدىن ، ئالدىن كېلىشكەنلىك ئىسپاتىنى پرىنتىرلاپ چىقىڭ. ناۋادا ئالدىن كېلىشىشنى بىكار قىلماقچى بولسىڭىز رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جاينى بېسىپ بېكار قىلسىڭىز بولىدۇ.