3.1.1 نومۇر تاختىسىنى ئالدىن تاللاش

    مۇلازىمەت سۇپىمىزغا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن، << موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى كەسپى >>

 【机动车业务】 دىگەن جاينى بېسىپ، << نومۇر تاختىسىنى ئالدىن تاللاش >>

 【预选机动车号牌(限IE)】 دىگەن جايغا كىرىڭ.


    بىرىنچى قەدەم : ئالدى بىلەن رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جايدىن نومۇر تاختىسى تارقىتىدىغان ۋىلايەت شەھەرنى تاللاڭ.



    ئىككىنچى قەدەم : رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئەسكەرتمىگە ئاساسەن، جەزىملەشتۈرسىڭىز << جەزىملەش >>

 【确定】كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    ئۈچۈنچى قەدەم : " نومۇر تاختىسىنى ئالدىن تاللاش " قا ئائىت بىلدۈرگۈ مەزمۇنىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، <<ئوقۇپ بولدۇم،قوشۇلىمەن>> 【阅读并同意上述内容】 دىگەن جاينى بېسىڭ.



    تۆتىنچى قەدەم : يېڭىدىن ئېچىلغان كۆزنەككە، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇڭ.







    بەشىنچى قەدەم : << جەزىملەشتۈرۈش >> 【确认提交】كونوپكىسىنى باسقاندىن كېيىن ، يانفونىڭىز تاپشۇرۇۋالغان دەلىللەش كودىنى كىرگۈزۈپ، نومۇر تاللاش باسقۇچىغا كىرىڭ.



    ئالتىنچى قەدەم : نومۇر تاللاش باسقۇچىغا كىرگەندىن كىيىن ،ئىككى خىل ئۇسۇلدا نومۇر تاللاشقا بولىدۇ. (1) ئۆزى تىزىپ قوراشتۇرۇپ تاللاش : بۇ خىل تاللاش ئۇسۇلىدا ،ھەرپ تاختىسىدا كۆرۈنگەن ھەرپ ياكى سانلارنى خالىغانچە تىزىپ قوراشتۇرسىڭىز بولىدۇ.



    تاللاپ بولغاندىن كېيىن، << نومۇرنى جەزىملەشتۈرۈش >> 【验证并确认号牌】دىگەن كونوپكىنى بېسىڭ.



    (2) ئىختىيارى تاللاش :



    ئىختىيارى تاللىماقچى بولسىڭىز، << ئىختىيارى تاللاش >> 【自编选不到好牌?尝试随机选号】دىگەن جاينى بېسىپ تۆۋەندىكى كۆزنەككە كىرىڭ.





    نومۇرنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، << نومۇرنى جەزىملەشتۈرۈش >> 【确认号牌】كونوپكىسىنى بېسىڭ.



    يەتتىنچى قەدەم : << نومۇرنى جەزىملەشتۈرۈش >> 【确认号牌】كونوپكىسىنى باسقاندىن كىيىن، قاچاندىن بورۇن، قاتناش ۋاستىلىرى باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ، ئاپتوموبىلنى رويخەتكە ئالدۇرۇش كىرەكلىگى توغرىسىدىكى ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىدۇ.



    ئاندىن نومۇر تاللىغانلىق ئىسپاتىنى پرىنتىلاپ چىقىڭ.