2.4 ئورۇن ئابۇنىچىلار كۆزنەكتە ئەزا بولۇش

        1. ئورۇن ئابۇنىچىلار كۆزنەكتە تىزىمغا ئالدۇرغاندا، « ئىنتېرنېت تورى ئورۇن ئابۇنىچىلارنى تىزىملىككە ئالدۇرۇش / ئۆزگەرتىش ئىلتىماس جەدۋىلى » تولدۇرۇپ, بۇ جەدۋەلدە تەلەپ قىلغان كىملىك ئىسپات ماتېرىياللىرىنى يوللاش كېرەك . تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرغاندىن كىيىن ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ، ئىشلەتكۈچىگە سىفىرلىق ئىجازەتنامە ( تىزىمغا ئالدۇرغاندا ئورۇننىڭ تۈرىنى تاللىغاندا " باشقىلار" دېگەن تۈرنى تاللىغاندا سىفىرلىق ئىجازەتنامە بېرىلمەيدۇ ) تارقىتىپ بېرىدۇ ھەم بىر خىزمەت كۈنى ئىچىدە قىسقا ئۇچۇر شەكلى ئارقىلىق ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى تىزىمغا ئالدۇرغان ۋاقىتتا قالدۇرغان تېلېفۇن نومۇرىغا يوللاپ بېرىدۇ .


        2 . ئورۇن ئابۇنىچىلارنىڭ توردا تاللايدىغان كەسپى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : (1) ئۆز ئورنىنىڭ شۇ جايدىكى تىجارەتكە ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىلى ۋە شوپۇرىنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش ؛(2) ئۆز ئورنىنىڭ شۇ جايدىكى مەكتەپ ئاپتوبۇسى ۋە شوپۇرىنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش ؛(3) ئۆز ئورنىنىڭ شۇ جايدىكى تىجارەتتىن باشقا ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىلىنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش ؛(4) ئۆز تەۋەلىكىدىكى تىجارەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىلى ۋە شوپۇرىنىڭ ئۇچۇر ئېلانىنى تەكشۈرۈش ؛(5) ئۆز تەۋەلىكىدىكى مەكتەپ ئاپتوبۇسى ۋە مەكتەپ ئاپتوبۇسى شوپۇرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ؛ (6) كەسىپ بېجىرىش قاتارلىق باشقا مۇلازىمەتلەر .


        3. تاشيول ترانسپورت كارخانىلىرى (1)-، (2) -، (3)- تۈردىكى كەسىپنى تاللىسا بولىدۇ ؛ شوپۇرلۇق تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرى،يېڭى ئاپتوموبىل سېتىش تىجارىتى قىلىدىغانلار، دوختۇرخانا قاتارلىقلار (3)-،(6)- كەسىپنى تاللىسا بولىدۇ ؛ مەكتەپلەر(2) - ۋە (3) -تۈردىكى كەسىپكە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ؛ تاشيول ترانسپورت باشقۇرۇش تارماقلىرى، بىخەتەرلىك نازارەتچىلىك تارمىقى (3)- ، (4)- تۈردىكى كەسىپنى تاللىسا بولىدۇ ؛ مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى(3)- ، (5)- تۈردىكى كەسىپنى تاللىسا بولىدۇ ؛ باشقا ئورۇنلار (3)- تۈردىكى كەسىپنى تاللىسا بولىدۇ ؛


        4 . بارلىق ئورۇنلار ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق توردا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ "نومۇر تاختىسىنى ئالدىن تاللاش" مۇلازىمىتىنى بېجىرسە بولىدۇ ؛(6)- تۈردىكى ئاپتوموبىل تىجارىتى شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلاردىكى ئىشلەتكۈچىلەر، تور ئارقىلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى بېجىرىش مۇلازىمىتىنى بېجىرەلەيدۇ ؛(6)- تۈردىكى كەسىپنى تاللىغان دوختۇرخانا ئورۇنلىرى تور ئارقىلىق دوختۇرخانىدا سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتى تاپشۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئېلىپ بارالايدۇ ؛(6)-تۈردىكى كەسىپنى تاللىغان شوپۇر تەربىيىلەش ئورۇنلىرىدىكى ئىشلەتكۈچىلەر تور ئارقىلىق ئۆز ئورنىدىكى كۇرسانتلارنىڭ ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىپ تىزىملىتىش ، كۇرسانتلارنىڭ تىزىملىكىنى كىرگۈزۈش، كۇرسانتلارنى تىزىمغا ئالدۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئېلىپ بارالايدۇ .