2.3 شەخسى ئابۇنىچىلار توردا ئەزا بولۇش

    تور ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇشنىڭ تەرتىپى تۆۋەندىكىچە : بىرىنچى قەدەم : ئالدى بىلەن " ئونىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى " غا كىرىڭ.تور ئادرېسى : http://xj.122.gov.cn



    ئىككىنچى قەدەم : ئاندىن ئۈستى ئوڭ تەرەپتىكى<< تىزىملىتىش >> 【个人登陆】 دېگەن جايدىكى << ئەزابولۇش >>【立即注册】 كونوپكىسىنى بېسىڭ .



    ئۈچىنچى قەدەم : مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈڭ.(ئەسكەرتىش: <1>* بەلگىسى بار كۆزنەكلەردىكى ئۇچۇرلارنى چوقۇم توغرا ،تولۇق تولدۇرۇڭ ؛ <2> ئىسىم - فامىلىسى ستونىغا كىملىكتىكى خەنزۇچە ئىسىمنى تولدۇرۇڭ ).



    تۆتىنچى قەدەم : ئابونېنت تىپىنى تاللاڭ.







    بەشىنچى قەدەم : يانفۇنىڭىز قۇبۇل قىلغان دەلىللەش كودىنى كىرگۈزۈڭ .





    ئالتىنچى قەدەم : ئەزا نامى ۋە مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ ،تور بەتكە كىرىڭ.



    ئەسكەرتىش :

    (1) ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى ياكى ھەيدىگۈچى : شۇ جايدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ۋە ھەيدەش كىنىشكىسى بار بولۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش كەسپى ياكى باشقا كەسىپنى بېجىرىش ئىلتىماسىنى سۇنغاندا قالدۇرغان يان تېلېفۇن نومۇرى، ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان يان تېلېفۇن نومۇرى بىلەن بىردەك بولسا ،توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ . توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن ، توردا ئۆزىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ۋە ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرسە ، قاتناش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ جەرىمانە تاپشۇرسا ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئالدىن تاللىسا، ئىمتىھانغا ئالدىن تىزىملاتسا ۋەياكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ ؛


    (2) ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغان كۇرسانت : كۇرسانتلار ئۆز جايىدا ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىش كەسپىنى بېجىرگەندىن كىيىن، توردا تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ ؛ توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن ،"تور ئارقىلىق ئىمتىھانغا ئالدىن تىزىملىتىش" ۋە " موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئالدىن تاللاش" قاتارلىق كەسىپلەرنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ . ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالغاندىن كىيىن، توردا تىزىملىتىش ھالىتىگە ئاپتومات ھالدا ئالمىشىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئەزا نامىغا باغلىغاندىن كىيىن ، ئاپتوماتىك ھالدا توردا تىزىملاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىشلەتكۈچىسىگە ئالمىشىدۇ ؛ ئۆگىنىش كىنىشكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئىچىدە ئىمتىھان بېرىپ ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالالمىغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۆز ئەزا نامىغا باغلىمىغان شەخسى ئابۇنىچىلارنىڭ ھېسابات نومۇرى ئاپتوماتىك ھالدا بىكار بولىدۇ .


    (3) يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى : پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ھەيدەش كىنىشكىسى يوق بولۇپ، ئۆز جايىدا يېڭى ئاپتوموبىلنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كەسپىنى بېجىرمەكچى بولغان شەخسى ئابۇنىچىلار، تور ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇش كەسپىنى تاللىسا بولىدۇ . توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى توردا ئالدىن تاللىسا بولىدۇ . تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىنكى 24 سائەت ئىچىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئالدىن تاللىمىغان ياكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئالدىن تاللاپ بولغان بولسىمۇ ،ئەمما ئۈنۈملۈك ۋاقىت ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ، يېڭى ئاپتوموبىلنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كەسپىنى بېجىرمىگەنلەرنىڭ ھېسابات نومۇرى ئاپتومات ھالدا بىكار بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا بۇ كەسىپنى بېجىرىشتە تىزىملاتقان كىملىك نومۇرى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا قالدۇرغان تېلېفۇن نومۇرىنى باغلاپ، قايتىدىن ئەزا بولالمايدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئالدىن تاللاش مۇۋپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ ،يېڭى ئاپتوموبىلنى تىزىملاش كەسىپنى بېجىرگەندە تولدۇرغان كىملىك نومۇرى، ئىسىم - فامىلىسى بىلەن توردا تىزىمغا ئالدۇرغان ۋاقىتتىكى كىملىك نومۇرى ، ئىسىم ـ فامىلىسى ۋە تېلېفۇن نومۇرى بىلەن بىردەك بولمىسا ،يېڭى ئاپتوموبىلنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشكە يول قويۇلمايدۇ ؛ يېڭى ئاپتوموبىلنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كەسپىنى بېجىرىپ بولغاندىن كىيىن ،ئەزا خاراكتېرى ئاپتوماتىك ھالدا توردا تىزىملىتىدىغان ئاپتوموبىل ئىگىسى ھالىتىگە ئالمىشىدۇ .