2.2 شەخسي ئابۇنىچىلار كۆزنەكتە ئەزا بولۇش

    شەخسي ئابۇنىچىلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ كۆزنەككە كېلىپ ،« ئىنتېرنېت تورىدا شەخسى ئىشلەتكۈچىنى تىزىملىككە ئالدۇرۇش/ ئۆزگەرتىش ئىلتىماس جەدۋىلى » دىكى تەلەپ بويىچە ماتېرىيالىنى تولدۇرىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرغاندىن كىيىن ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى بىر خىزمەت كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، ئىلتىماس قىلغۇچى تىزىمغا ئالدۇرغان ۋاقىتتا قالدۇرۇپ قويغان تېلېفونغا قىسقا ئۇچۇر شەكلى ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنىڭ تورغا كىرىش نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى يوللايدۇ .


    (1) ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى ياكى ھەيدىگۈچى: تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن ، ئىنتېرنېت تورى مۇلازىمەت سۇپىسىدا ،ئۆزىنىڭ شۇ جايدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە قاتناش بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرسە ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش كەسپىنى بېجىرسە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش كەسپىنى ئېلىپ بارسا، ئۆزى ياكى باشقىلارنىڭ قاتناش قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش مۇلازىمىتىنى بېجىرسە بولىدۇ ؛


    (2) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلغان كۇرسانتلار : تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن، تور ئارقىلىق ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىش ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى توردا ئالدىن تاللاش كەسىپلەرنى بېجىرسە بولىدۇ . موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى بېجىرىپ ئالغاندىن كىيىن، شەخسىي ئابۇنىچىلارنىڭ ئەزا خاراكتېرى ئاپتوماتىك ھالدا كۆزنەكتە كەسىپ بېجىرىش ھالىتىگە ئالماشتۇرۇلىدۇ ؛


    (3) يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى : تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن ،تور ئارقىلىق "موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئالدىن تاللاش" مۇلازىمىتىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ . ئىشلەتكۈچى يېڭى ئاپتوموبىلنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كەسپىنى بېجىرىپ بولغاندىن كىيىن ،ئەزا خاراكتېرى كۆزنەكتە تىزىمغا ئالدۇرۇش ھالىتىگە ئاپتوماتىك ئۆتىدۇ .