2.1 تور بەتكە ئەزا بولۇش

    (1) ئەزالار: شەخسىي ئابۇنىچىلار ۋە ئورۇن ئابۇنىچىلار دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.


 

    (2) شەخسىي ئابۇنىچىلار: "ئاپتوموبىل ئىگىسى ياكى ھەيدىگۈچى" ، " موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچى " ۋە " يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى" دەپ ئۈچكە بۆلىنىدۇ.



    (3) ئورۇن ئابۇنىچىلار: " تاشيول ترانسپورت كارخانىسى "،" شوپۇرلۇق تەربىيىلەش مەكتىپى "،" ئاپتوموبىل ساتقۇچىلار "، " دوختۇرخانا "،" مەكتەپ "قاتارلىق كارخانا - كەسپىي ئورۇنلار ھەمدە" تاشيول ترانسپورت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقى"، "مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى"، "بىخەتەرلىك نازارەتچىلىك تارمىقى "قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



    (4)شەخس ئابۇنىچىلار تور بەتتە ئەزا بولۇش ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېرىپ كۆزنەكتە تىزىملىتىپ ئەزا بولۇشتەك ئىككى خىل ئۇسۇلدا "ئىنتېرنېت مۇلازىمەت سۇپىسى"غا ئەزا بولسا بولىدۇ؛ ئورۇن ئابۇنىچىلار چوقۇم جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېرىپ كۆزنەكتە تىزىملىتىپ ئەزا بولۇشى كېرەك.



    (5) شەخسي ئابۇنىچىلار ئۆز جايىدىكى ئىنتېرنېت مۇلازىمەت سۇپىسىغا چىقىپ، ھوقۇق- چېكى يول قويغان دائىرە ئىچىدە ،توردا ئۆزىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ۋە ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ ھالىتىنى ، قاتناش باشقۇرۇش بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرسە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاتسا، ھەيدەش كىنىشكىسى باشقۇرۇش، باشقا جاينىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ۋە ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ ھالىتىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ . ئورۇن ئابۇنىچىلار ئۆز جايىدىكى ئېنتىرنېت تور مۇلازىمەت سۇپىسىغا چىققاندىن كىيىن ، توردا « ئېنتىرنېت تورى ئورۇنئابۇنىچىلىرىنى تىزىملىككە ئالدۇرۇش \ ئۆزگەرتىش ئىلتىماس جەدۋىلى » دىكى مۇلازىمەت تىپىنى تاللاپ مەشغۇلات ئېلىپ بارسا بولىدۇ .