1 ئۇمۇمىي بايان

    ئىنتېرنېت تورى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى ( تۆۋەندە مۇلازىمەت سۇپىسى دەپ ئېلىنىدۇ) تور بەت، ئۈن-سىن، قىسقا ئۇچۇر، كۆچمە تېرمىنالAPP قاتارلىق شەكىللەر بىلەن كەڭ قاتناش ئىشتىراكچىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.



    نۆۋەتتە مۇلازىمەت سۇپىسىغا "يول قاتناش ئۇچۇرلىرى"،" قاتناش بىخەتەرلىكى ئىبرەت تەربىيىسى "،" ئۇچۇر تەكشۈرۈش "،"كەسپ بېجىرىش"،"ئېلان-ئۇقتۇرۇش" قاتارلىق سەھىپىلەر سەپلەندى.



    "كەسپ بېجىرىش" سەھىپىسىدە، قاتناش ۋاستىلىرىغا ئائىت كەسىپلەردىن: قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ " نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش "،" يىللىق تەكشۈرۈش لاياقەتلىك چاپلىغىنى تولۇقلاپ بېجىرىش "،" نومۇر تاختىسىنى ئالدىن تاللاش "،"قاتناش ۋاستىلىرىنى بىخەتەر تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشكە ئالدىن كېلىشىش "،"ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى بېجىرىش"،" قاتناش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەم جەرىمانە تاپشۇرۇش"، "قاتناش ۋاستىلىرى ئىگىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تۈزىتىپ ئۆزگەرتىش "قاتارلىقلارنى بېجىرگىلى بولىدۇ.



    موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئائىت كەسىپلەردىن: " ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىش "، "سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى تاپشۇرۇش"،"كەسىپ بېجىرىشنى كېچىكتۈرۈشكە ئىلتىماس قىلىش"،"موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش"،"موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇش"،" موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى ئىگىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تۈزىتىپ ئۆزگەرتىش "،" قاتناش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەم جەرىمانە تاپشۇرۇش" قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرگىلى بولىدۇ.



    شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قىسقا ئۇچۇر شەكلى ئارقىلىق قاتناش باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى يوللاش ۋە ئاۋازلىق شەكىل ئارقىلىق قاتناش باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە كەسىپ بېجىرىش قاتارلىق مولازىمەتلەر يولغا قويۇلدى.بۇندىن باشقا يەنە، يانفۇن APPتېرمىنال مۇلازىمىتى بىلەنمۇ يوقارقى كەسىپلەرنى بېجىرىشكە بولىدۇ.